باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمى باشقۇرىشىدىكى كادىرلارنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپ بەش مەسىلىسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2016.09.06 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ 5-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىنتىزام ئىجراسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمى باشقۇرۇشىدىكى كادىرلارنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپ بەش مەسىلىسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان، بۇ بەش تۈرلۈك مەسىلە تۆۋەندىكىچە:

  لياۋنىڭ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ ياڭنىڭ ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل يۈرگۈزۈشكە تەسىر يەتكۈزۈپ، زىياپەت بېرىش، كوماندوروپكىغا چىقىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى.

  جىلىن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى گۇ چۈنلىنىڭ شەخسىي خىراجىتىگە ھۆكۈكەت پۇلىدىن چىقىم قىلغانلىقى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي ئارامگاھقا كىرىپ-چىققانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر.

  جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى لۇ زىيۆنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي ئارامگاھقا كىرىپ-چىققانلىقى، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلەتكەنلىكى، ئىسراپخورلۇق قىلىپ راھەت-پاراغەتكە بېرىلگەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر.

  ئەنخۇي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى ياڭ جېنچاۋنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي ئارامگاھقا كىرىپ-چىققانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر.

  خېنەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، لوياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى چېن شۆفېڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خىزمەتچىلەرنى بىللە ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي ئارامگاھقا كىرىپ-چىققانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمى باشقۇرۇشىدىكى يۇقىرىدىكى بەش كادىر ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى، دەپ گۇمان قىلىنىپ، پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلگەن، ئۇلاردا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى مەۋجۇت. بۇ تىپىك دېلو مىساللىرى بىزگە يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ چىرىكلىشىشى، چۈشكۈنلىشىشى ئادەتتە ناتوغرا ئىستىل ۋە راھەت-پاراغەتكە بېرىلىپ ئىسراپخورلۇق قىلىش قىلمىشىنىڭ باشلىنىشى، «تۆت خاھىش» قا يوچۇق ئېچىپ بەرگەنلىك.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر