باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئاچتى

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا 411 مىليون يۈەن ئاجراتتى

2016.09.07 14:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتى 5 – سېنتەبىر ئومۇمىي يىغىن ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار، تارماقلار مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش، ئامما مۇداپىئەلىنىش ۋە ئىدارە قىلىش يېتەكچى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىدىغان، تارماقلار ھەمكارلىشىدىغان، ھەربىي – خەلق بىرلىكتە مۇداپىئەلىنىدىغان، جەمئىيەتتىكىلەر قاتنىشىدىغان تۈزۈلمە، مېخانىزم ئورنىتىپ، ئىلمىي ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئىنچىكە ئۆلچەش، زاپاس لايىھەنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئاپەت زىيىنىنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە ئازايتىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، ‹‹ئېل نىنو›› ھادىسىسىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كىلىماتىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ، ئىلى، چۆچەك، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 80 ناھىيە، شەھەر (رايون) دە ئارقا – ئارقىدىن كەلكۈن، مۆلدۈر، يەر تەۋرەش، لاتقا – شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق ئاپەتلەر يۈز بەرگەن. ئاپتونوم رايونلۇق ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئاپەتكە پائال تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويىچە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش سىستېمىسىنى ئالتە قېتىم قوزغىتىپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارغا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 11 تۈركۈم ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتىپ ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن ھەم مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 411 مىليون يۈەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى ۋاقتىدا چۈشۈرۈپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارغا 1630 ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش چېدىرى، 4000 پاختىلىق چاپان، 6000 يۈرۈش يوتقان – كۆرپە، 1700 قاتلىما كارىۋات، 1900 ئۇخلاش خالتىسى، 1650 جىددىي ئەھۋال چىرىغى، شۇنداقلا يورۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى جىددىي يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلاردىكى ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرگەن.

  خۇاڭ ۋېي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار، تارماقلار ھازىرقى ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنىڭ كەسكىن ۋەزىيىتىنى تولۇق تونۇپ، خىزمەتتىكى تەشەببۇسكارلىق، ئاڭلىقلىق ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىشى؛ ‹‹ئالدىنى ئېلىش قۇتقۇزۇشتىن مۇھىم›› دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاپەتتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش، خەۋپ – خەتەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى؛ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش تۈزۈمى ۋە قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مانېۋىر قىلىش ۋە تەتبىقلاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشى؛ تەشكىلىي رەھبەرلىك، ماس ھەمكارلىق ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنى سەپەرۋەر قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى يەنىمۇ يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرۈشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چيەن جى يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر