خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ 11-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى 5-سېنتەبىر يېپىلغاندىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاڭجۇ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا خۇلاسىلىگەن بۇ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇش ۋە ئاساسلىق نەتىجىلەرنى، يەنى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ، تەرەققىيات يولى پىلانلاشقا؛ ئىقتىسادنىڭ ئېشىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ قوشۇشقا؛ يەرشارى ئىقتىسادى، پۇل مۇئامىلىسىنى تەرتىپكە سېلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە؛ خەلقئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ موتورنى جانلاندۇرۇپ، ئېچىۋېتىشچان دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا؛ سىغدۇرۇشچان ۋە بىرلەشمە ھەرىكەت شەكلىدىكى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىدىن پۈتۈن دۇنيانى نەپكە ئېرىشتۈرۈشكە ئىرادە باغلىغانلىقىنى تونۇشتۇردى.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى