باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە››شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى

2016.09.07 14:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە›› شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 5 – سېنتەبىر ئاقسۇ شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىندا مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى شىزاڭنىڭ لاسا شەھىرىدە ئاچقان داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ‹‹ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە›› ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، تەجرىبىلەر يەكۈنلىنىپ ۋە ئالماشتۇرۇلۇپ، ‹‹ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە›› شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش مۇزاكىرە قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ‹‹ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە›› شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى ياردەم بەرگۈچى تەرەپلەرنىڭ ‹‹ئۆمەك تەشكىللەپ›› تاللاپ ئەۋەتىش، ‹‹كوللېكتىپ›› جەڭ قىلىش، ‹‹قان ئىشلەش بىلەن قان بېرىشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش›› ئارقىلىق ياردەمنى قوبۇل قىلغان دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. تۇنجى تۈركۈمدە جەمئىي يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر (شى) دىكى سەككىز مەركىزىي دوختۇرخانىغا ‹‹ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە›› شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىدىن 171 كىشى تاللاپ ئەۋەتىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ‹‹ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە›› شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىنى قانات يايدۇرۇش مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، غەمخورلۇق قىلغانلىقىنىڭ جانلىق ئىپادىسى. تۇنجى تۈركۈمدىكى ‹‹ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە›› شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئىختىساسلىقلار بۇ يىل 4 – ئايدا شىنجاڭغا كىرگەندىن بۇيان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچەپ قوللىشى ئارقىسىدا ئىشنى ياخشى باشلىدى، ياردەمنى قوبۇل قىلغان دوختۇرخانىلارنىڭ دىياگنوز قويۇش، داۋالاش ئىقتىدارى، پەنلەر قۇرۇلۇشى، باشقۇرۇش سەۋىيەسى، قوشۇن قۇرۇلۇشى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، ھەر مىللەت ئامما تەرىپىدىن ‹‹ئاساسىي قاتلامغا ئەڭ ئۇيغۇن كەلگەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى››، ‹‹ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەلرايى قۇرۇلۇشى›› دەپ تەرىپلەندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار، ئورۇنلار داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ‹‹ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە›› شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئەلرايىنى مايىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئىدىيەنى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، يولداش چېن چۈەنگو باشچىلىقىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلەپلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ‹‹ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە›› شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلار قاتارىدا تۇتۇپ، داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، مائارىپ ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇش كېرەك. مەسىلىلەرنى يەنىمۇ توغرا تېپىپ، تەدبىرلەرنى دەل جايىدا يۈرگۈزۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ياخشى مېخانىزم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر بىلەن يۇقىرى ساپالىق، كەتمەيدىغان يەرلىك داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى بەرپا قىلىپ، داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ‹‹ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە›› شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە تېخىمۇ زور ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاپتونوم رايون 9 – تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەردىن باشلاپ، داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ‹‹ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە›› شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەندىزىسىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى توققۇز مەكتەپنى تاللاپ، مائارىپ ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

  يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1 – دوختۇرخانا، بىڭتۈەن 1 – شى دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ‹‹ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە›› شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر