باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن كۆرۈشتى

2016.09.06 14:16   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن كۆرۈشتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - سېنتەبىر خاڭجۇدا 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن. دۇنيا ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ھازىرقى ئەھۋالدا، ھەرقايسى تەرەپلەر قول تۇتۇشۇپ، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش يولىغا مېڭىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئۆزئارا ئىشەنچ ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان چوڭ مەسىلىلەر توغرىسىدا ۋاقتىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ھاسىل قىلىنغان تۈرلۈك ئورتاق تونۇشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى قەتئىي قوللاش مەيدانىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، ياۋروپانىڭ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئەقىل - پاراسىتىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، بۇ يىلقى 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. كېلەر يىلى گېرمانىيە 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولىدۇ. جۇڭگو گېرمانىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، قۇرۇلما ئىسلاھاتى، تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىقلارنى كېلەر يىلىدىكى باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇھىم قارالمىسى قىلىپ، قارالما ۋە نەتىجىلەرنىڭ سىجىللىقىغا كاپالەتلىك قىلماقچى بولغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن قويۇق ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ساقلاپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  مېركېل مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى ۋە نەتىجىلىرى گېرمانىيە كېلەر يىلى ئۆتكۈزىدىغان ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنى تەسەۋۋۇرىغا ماس كېلىدۇ، بىز ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، جۇڭگونىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز. گېرمانىيە جۇڭگو بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە تەرەققىيات ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. گېرمانىيە ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
    ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 26-،27-سېنتەبىر تولۇ…
    ·گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن بەھرى…
    ·ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ «قوش تىل» مائارىپى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خەۋىرىى: 2015- يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە مەخسۇس ئوقۇتقۇچىنىڭ سانى 15 مىليون 390…
    ·مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىنىڭ ئەخلاق ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش، تىل-ئەدەبىيات، تارىخ يېڭى دەرسلىكى يېڭ…
    ·مەملىكەت بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسى كېلەر يىلى يولغا قويۇلىدۇ
    ·جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ يېنىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
    ·تۈركىيەدە «غەلىبە كۈنى» تەبرىكلەندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى سەككىز ئۆلكە، شەھەر بىلەن مەكتەپ ئىستېتىك تەربىيە ئىسلاھات تەرەققىياتى خاتىرىس…