دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - سېنتەبىر خاڭجۇدا 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا كەلگەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرىسا ماي بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ ئاۋۋال تېرىسا ماينىڭ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو - ئەنگلىيەنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق خەلقئارا مېخانىزملارنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپلا قالماستىن، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق. جۇڭگو ئەنگلىيە يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن بىللە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ مۇقىم، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، يۇقىرى قاتلام سۆھبەت مېخانىزمىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشەنچنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارلاشتۇرۇش، يۇقىرى - يېڭى تېخنىكا، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق گۈللەنمە ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە، تەنتەربىيە، ياشلار، تاراتقۇ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن ئىجراسى ھەمكارلىق مېخانىزمى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەم قاچقۇنلارنى تۇتۇش، ھارام ماللارنى قايتۇرۇپ كېلىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. خەلقئارا قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى ۋە ب د ت، 20 دۆلەت گۇرۇھى، ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، ئورتاق مەنپەئەتنى كېڭەيتىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشى كېرەك.
تېرىسا ماي مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. ئەنگلىيە بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان «ئالتۇن دەۋر»دە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق ساھەسى كەڭ ھەم يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. ئەنگلىيە ئەنگلىيە - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى پائال چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشەنچنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ، ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، خەۋپسىزلىك، قانۇن ئىجراسى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە جۇڭگو بىلەن قويۇق ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.