باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كورېيە زۇڭتۇڭى پاك گيۇنخاي بىلەن كۆرۈشتى

2016.09.06 14:22   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ كورېيە زۇڭتۇڭى پاك گيۇنخاي بىلەن كۆرۈشتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - سېنتەبىر خاڭجۇدا كورېيە زۇڭتۇڭى پاك گيۇنخاي بىلەن كۆرۈشتى.شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا، كورېيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، خاڭجۇدا ئۈچ يىل تۇرغان. زۇڭتۇڭ پاك گيۇنخاينىڭ جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتىدىكى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ جايغا كېلىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن كورېيە يېقىن قوشنا، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، رايون تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىككى تەرەپنىڭ مەڭگۈلۈك مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو بىلەن كورېيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 24 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ھالقىما تەرەققىياتقا ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە زور بەخت يارىتىلدى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا سىياسىي ئىشەنچنى قەدىرلەپ، ھەمكارلىق ئاساسىنى قوغداپ، قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتىنى توغرا يولدا مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو كورېيە بىلەن بىرلىكتە تەستە قولغا كەلگەن جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداپ ۋە ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو - كورېيە ھەمكارلىقىنى تىرىشىپ ئىجابىي يوسۇندا كېڭەيتىپ، پاسسىپ ئامىللارنى چەكلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تىرىشىپ ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىشى ۋە ياخشى كەيپىيات يارىتىشى كېرەك. يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك. رايون ۋە خەلقئارا مۇنبەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى كېڭەيتىشى كېرەك. بىز كورېيە بىلەن بىرلىكتە كۆپ تەرەپلىمە رامكا ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايمىز.

  پاك گيۇنخاي مۇنداق دېدى: كورېيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىخىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان خاڭجۇغا كېلىپ، رەئىس جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. جۇڭگو - كورېيە دوستلۇقىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى. كورېيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۆزئارا ئىشەنچ ئاساسىدىكى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ. ئىككى دۆلەت كېلەر يىلى كورېيە - جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 25 يىل بولغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. كورېيە جۇڭگونىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ.

  ئىككى دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى يەنە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇش نىشانىغا يېتىش، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ. يېرىم ئارال مەسىلىسىنى ئاخىرىدا يەنىلا سۆھبەتلىشىپ كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك. بىز ئامېرىكىنىڭ كورېيەگە «ساد» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارشى تۇرىمىز. بۇ مەسىلە ياخشى ھەل قىلىنمىسا، رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىغا پايدىسىز، بۇ ھەرقايسى تەرەپلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.

  پاك گيۇنخاي ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا جۇڭگو بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
    ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 26-،27-سېنتەبىر تولۇ…
    ·گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن بەھرى…
    ·ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ «قوش تىل» مائارىپى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خەۋىرىى: 2015- يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە مەخسۇس ئوقۇتقۇچىنىڭ سانى 15 مىليون 390…
    ·مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىنىڭ ئەخلاق ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش، تىل-ئەدەبىيات، تارىخ يېڭى دەرسلىكى يېڭ…
    ·مەملىكەت بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسى كېلەر يىلى يولغا قويۇلىدۇ
    ·جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ يېنىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
    ·تۈركىيەدە «غەلىبە كۈنى» تەبرىكلەندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى سەككىز ئۆلكە، شەھەر بىلەن مەكتەپ ئىستېتىك تەربىيە ئىسلاھات تەرەققىياتى خاتىرىس…