دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - سېنتەبىر خاڭجۇدا 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا كەلگەن ئىسپانىيە باش ۋەزىرى لاخوي بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - ئىسپانىيە مۇناسىۋىتى ئومۇمەن ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى داۋاملىق چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي نەپ ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو ئىسپانىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى پائال قوللىغانلىقىغا، جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئىسپانىيەگە مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ. ئىككى تەرەپ پۇل مۇئامىلە، تېلېگراف، ھاسىلىي ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا يارقىن نۇقتىلارنى داۋاملىق يارىتىپ، ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈشى، تەڭ نەپ ئېلىشى كېرەك. يىۋۇدىن مادرىدقا قاتنايدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىشى كېرەك. جۇڭگو ئىسپانىيە مۇنبىرى مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەلئارا ۋە يەرلىك ئالاقىنى كېڭەيتىشى كېرەك. كىلىمات ئۆزگىرىشى، سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق چوڭ مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇقىملىقنى ساقلىشىنى، گۈللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ھەم قوللايدۇ. ئىسپانىيەنىڭ ئىجابىي تەسىر ئارقىلىق جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
لاخوي مۇنداق دېدى: ئىسپانىيە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئىجابىي باھا بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ. ئىسپانىيە جۇڭگو بىلەن بولغان قويۇق بېرىش - كېلىشنى داۋاملىق ساقلاپ، سودا، مەبلەغ سېلىش جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچلەرنى تولۇق قېزىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ ئالاقىسىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ.