باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر دۆلەت تەرەققىيات–مەبلەغ سېلىش شىركىتى، جۇڭگو كۆمۈرچىلىك گۇرۇھى شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2016.09.07 14:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 6 – سېنتەبىر دۆلەت تەرەققىيات – مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى فېڭ شىدۇڭ ۋە جۇڭگو كۆمۈرچىلىك گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، پارتكوم شۇجىسى لى يەنجياڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  دۆلەت تەرەققىيات – مەبلەغ سېلىش شىركىتى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان دۆلەت مەبلەغ سالغان پېيى تىزگىنلىنىدىغان شىركەت ۋە مەركەز بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان دۆلەت ئىلكىدىكى مۇھىم تايانچ كارخانا، جۇڭگو كۆمۈرچىلىك گۇرۇھى شىركىتى بولسا گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى باشقۇرىدىغان دۆلەت ئىلكىدىكى مۇھىم تايانچ كارخانا، شۇنداقلا جۇڭگودىكى چوڭ تىپتىكى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: دۆلەت تەرەققىيات – مەبلەغ سېلىش شىركىتى بىلەن جۇڭگو كۆمۈرچىلىك گۇرۇھى شىركىتى كۆپ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنى ئېچىش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىۋاتقان مەركەز كارخانىلىرى. ئىككى كارخانا شىنجاڭغا كىرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ جاي – جايلىرىدا كالىي تۇزى، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قاتارلىق كۆپ خىل سانائەت تۈرىنى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى تېزلىتىش، بايلىق ئېچىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، يەرلىكنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا تۆھپە قوشتى. شىنجاڭنىڭ بايلىقى مول، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش ئىستىقبالى پارلاق. دۆلەت تەرەققىيات – مەبلەغ سېلىش شىركىتى ۋە جۇڭگو كۆمۈرچىلىك گۇرۇھى شىركىتىنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشنى داۋاملىق كېڭەيتىشىنى، پەن – تېخنىكا تەركىبى ۋە ئۈسكۈنە – سايمانلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى بىلەن مەركەز كارخانىلىرىنىڭ كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچى، ئىلغار تېخنىكىسى، باشقۇرۇش ئەندىزىسى، ئەۋزەل ئادەم كۈچى بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشىنى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش، باجنى كۆپەيتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ كەسىپ ھەمكارلىقىنى تېپىپ چىقىپ، كارخانىلارنى قۇرۇلمىسى ۋە جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكىدەكلا ياخشى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىپ، كارخانىلارنىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىنى قوللايدۇ.

  ما شىدۇڭ بىلەن لى يەنجياڭ ئاپتونوم رايون بىلەن بولغان ئالاقە، پىكىرلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر