باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نۇرغۇن جايلار كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

نەقلەشتۈرۈشكە قانداق كاپالەتلىك قىلىدۇ؟

2016.09.07 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، بېيجىڭ، يۈننەن، شەنشى، گۇاڭشى قاتارلىق ئۆلكىلەر ئارقا-ئارقىدىن پېنسىيونېرلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا بېكىتكەن ئومۇميۈزلۈك %6.5 ئەتراپىدا ئۆستۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، پېنسىيونېرلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.مۇخبىرنىڭ ئۇقۇشىچە، بۇ قېتىم پېنسىيونېرلار كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن ئىشچى-خىزمەتلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوند چىقىمى مۇناسىپ ئېشىپ، قىسمەن جايلار فوندىنىڭ شۇ مەزگىللىك كىرىم-چىقىمىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش بېسىمىمۇ ئاشىدىكەن. ساھە ئىچىدىكى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: بىر تۇتاش پىلانلىغان قىسمەن جايلاردىكى كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندىدا، شۇ مەزگىللىك كىرىمنىڭ چىقىمغا يەتمەسلىكتەك مەسىلىسى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن تۈزۈملەشكەن مالىيە ياردىمىغا تايىنىپ، بۇنداق بىر تۇتاش پىلانلىغان فوند كىرىم-چىقىمىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، بارلىق پېنسىيونېرلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى ۋاقتىدا، تولۇق ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  نۇرغۇن جايلار 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەشنى تاماملايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

  قىسمەن ئۆلكىلەرنىڭ فوند كىرىم-چىقىمىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش بېسىمى ئاشتى

  جايلار ئېلان قىلغان كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش لايىھەسىگە قارىغاندا، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتى ئۆتىگەن ۋە ئايدا ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئالدىغان پېنسىيونېرلارنىڭ ھەممىسى نورما بويىچە تەڭشەشتىن بەھرىمان بولىدىكەن. شەنشى نورما بويىچە تەڭشەشتە ھەر بىر كىشىگە ئايدا 77 يۈەن قوشۇلىدىغانلىقىنى، يۈننەن 30 يۈەن قوشۇلىدىغانلىقىنى، گۇاڭشى 70 يۈەن قوشۇلىدىغانلىقىنى بېكىتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شەنشى، گۇاڭشى، يۈننەن، لياۋنىڭ قاتارلىق ئۆلكىلەر 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن كۈتۈنۈش پۇلىنى تولۇق تارقىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تاماملايدىغانلىقىنى بېكىتكەن.

  كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش مەبلەغ مەنبەسىگە كەلسەك، جايلار كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى ۋە ئورگان كەسپىي ئىش ئورۇنلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىدىغانلىقىنى بېكىتتى.

  كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ شۇ مەزگىللىك چىقىمىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرىدۇ. لىياۋنىڭ ئۆلكىسىنى مىسالغا ئالساق، بۇلتۇر كارخانىدىن 60 مىليون 460 مىڭ كىشى پېنسىيەگە چىقىپ، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئايدا 2230 يۈەن بولدى. لىياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ بۇ يىللىق پېنسىيونېرلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى %6.75 ئۆستۈرگىنى بويىچە ھېسابلىغاندا، پەقەت مۇشۇ قېتىملىق كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش بىلەنلا، لىياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوند چىقىمى تەخمىنەن 11 مىليارد يۈەن ئاشىدىكەن.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ سۇغۇرتا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزى 8-ئايدا ئېلان قىلغان «جۇڭگو ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەرەققىياتىنىڭ 2015-يىللىق دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ مەزگىللىك فوند كىرىم-چىقىمىدا يوچۇق كۆرۈلگەن ئۆلكىدىن ئالتىسى باركەن، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى بىر قەدەر ئېغىر بولغان شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىدىن باشقا يەنە خېبېي، شەنشى، چىڭخەي باركەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بۇلتۇر لىياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ شۇ مەزگىللىك كىرىم-چىقىمىدا كۆرۈلگەن يوچۇق 10 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولغان. جىلىن ئۆلكىلىك مالىيە تارماقلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر پۈتۈن ئۆلكىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ شۇ مەزگىللىك كىرىم-چىقىم يوچۇقى 6 مىليارد 59 مىليون يۈەن بولغان.

  فوند كىرىم-چىقىمىدا يوچۇق بار ئۆلكىلەر بۇ قېتىملىق كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش بويىچە تولۇق تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلالامدۇ-يوق؟ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جىن ۋېيگاڭ مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنىدا، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوند چىقىمى يېتىشمىگەندە، ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى بېرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر