باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر‹‹جۇڭشىن›› گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشتى

2016.09.07 14:22         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 6 – سېنتەبىر ‹‹جۇڭشىن›› گۇرۇھى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر چاڭ جېنمىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  ‹‹جۇڭشىن›› گۇرۇھى گۇۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئورۇن، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ھالقىغان كارخانا گۇرۇھى، ئۇنىڭ تارماق شىركەتلىرى پۇل مۇئامىلە، بايلىق، ئېنېرگىيە ۋە ياسىمىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ھەرقايسى ساھەدە بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلىرى بار دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ شىنجاڭدىلا 18 شىركىتى بار، شىنجاڭدا تۇنجى پاي تۈزۈمىدىكى بانكا ‹‹جۇڭشىن›› بانكىسى ئۈرۈمچى تارماق بانكىسىنى قۇرغان.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ‹‹جۇڭشىن›› گۇرۇھى ئىزچىل مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى باشتىن – ئاخىر ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلىپ، پۇل مۇئامىلە ۋە غەيرىي پۇل مۇئامىلە كەسپىدىكى باشلامچىلىق رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى، ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى مۇقىم ئاشتى، بانكا كەسپىنىڭ ئەمەلىي گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىسادىنى قوللاش ئۈنۈمى تېخىمۇ كۈچىيىپ، كاپىتال بازىرىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ساھەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، بولۇپمۇ پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  چاڭ جېنمىڭ مۇنداق دېدى: كارخانىمىز دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنى تايانچ نۇقتا قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، تەسەۋۋۇرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارا بازار ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، تۈرلەرنىڭ ئېچىش دەرىجىسى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر