خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى لائۇس زۇڭلىسى توڭلوننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 6-سېنتەبىر كەچتە مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ۋيېنتيان ۋات تاي ئايرودرومىغا باردى، لى كېچياڭ 19-قېتىملىق جۇڭگو-شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى «10+1» باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو-شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۆھبەتلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلقلار يىغىنى، 19-قېتىملىق شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو-ياپونىيە-كورىيە (10+3) باشلىقلار يىغىنى ۋە 11-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم لائۇستا زىيارەتتە بولىدۇ.
لائۇسنىڭ پىلان، مەبلەغ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سۇپپان، ئېنېرگىيە، كانچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى كانمانى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئايرودرومغا كۈتۈۋېلىشقا چىقتى. ئەسكەرلەر قىزىل پايانداز سېلىنغان يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپ بولۇپ كۆز سېلىپ سالام بەردى. جۇڭگونىڭ لائۇستا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گۇەن خۇابىڭ، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شۈ بۇمۇ ئايرودرومغا كۈتۈۋېلىشقا چىقتى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل، جۇڭگو-شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرىۋاتىدۇ. شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بىللە تارىخنى ياد ئېتىپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، جۇڭگو-شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىقى يېڭى پىلانىنى ئورتاق تۈزۈش ھەم ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىللە 10+3، شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى قاتارلىق مېخانىزملاردىكى ھەمكارلىق ۋە تەرەققىياتتا ئورتاق كېڭىشىش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايمەن.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى