باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئاچتى

يىغىندا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنىڭ 13–بەش يىللىق يىرىك پىلانى›› ۋە ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى›› مۇزاكىرە قىلىندى

2016.09.07 14:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 6 – سېنتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 37 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلانى›› ۋە ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى›› مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئالاھىدە گېئولوگىيەلىك قۇرۇلما سەۋەبلىك، ئاپتونوم رايونىمىزدا يەر تەۋرەش ھەرىكىتىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى زور، تەكرارلىنىش دەرىجىسى يۇقىرى، تارقىلىشى كەڭ بولۇپ، يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىدۇ. يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ‹‹12 – بەش يىل››دا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ توغرا رەھبەرلىكى، دۆلەت يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنىڭ كۈچلۈك قوللىشى، جايلار، تارماقلارنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، لېكىن بەزى ئاجىز ھالقىلار يەنىلا مەۋجۇت، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ‹‹13 – بەش يىل››دا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش خىزمىتى ئومۇمىي نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار بىلەن تەڭ تۇتۇشتەك تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، مۇداپىئەلىنىشنى ئاساس، مۇداپىئەلىنىش، تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش بويىچە تۈزەش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر – يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىشتىكى مۇھىم تۈزۈم ئىسلاھاتى، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ تەكشى تەقسىملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شەھەر – يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدا تەكشى تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شەھەر – يېزىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش، سېلىنمىنى ئاشۇرۇش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، باسقۇچ بويىچە يولغا قويۇش، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپى بويىچە، شەھەر – يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى بايلىقىنى تەكشى تەقسىملەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: 2016 – يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، شەھەر – يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جامائەت خىراجىتى ئۆلچەملىك نورمىسى بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ؛ 2017 – يىلى ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، شەھەر – يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹ئىككى كەچۈرۈم، بىر ياردەم›› سىياسىتى بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ؛ كېيىنكى يىللاردا، مەركەزنىڭ سىياسەتلىرىگە ئاساسەن، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا كۆرۈلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر – يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەت، تەدبىرلەر دەل ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر