- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2016-يىلغىچە 15 ئۆلكە تولۇق كۇرس 3-تۈركۈمنى ئەمەلدىن قالدۇردى
2016.09.07 15:22 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 6-سېنتەبىر مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى جايلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تۈركۈمگە بۆلۈپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرگەن، 2016-يىلغىچە، خېبېي، گۇاڭدۇڭ، خۇبېي قاتارلىق 15 ئۆلكە تولۇق كۇرس 3-تۈركۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، شاڭخەي تۇنجى بولۇپ تولۇق كۇرس 1-تۈركۈم بىلەن تولۇق كۇرۇس 2-تۈركۈمنى بىرلەشتۈرۈپ، پائال نەتىجىگە ئېرىشكەن.
تونۇشتۇرۇلىشىچە، 2014-يىلى گوۋۇيۈەن تارقاتقان «ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»دە، شارائىت ھازىرلاپ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تۈركۈمگە بۆلۈپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىنى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ئىسلاھاتنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جايلار بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلغان. بىرىنچى، ئارخىپ چىقىرىش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئارزۇ تولدۇرۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتتى. ئىككىنچى، خەۋپ-خەتەرنى ئالدىن ھۆكۈم قىلىپ، خىزمەتلەرنى ھەقىقىي، تەپسىلىي ئىشلىدى. ئۈچىنچى، بىر تۇتاش مەسلىھەت سوراش سۇپىسى قۇرۇپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردى.
مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ھازىر، جايلارنىڭ تۈركۈمگە بۆلۈپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىسلاھاتى پۇختا، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئىسلاھات سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىدىن قانائەتلىنىش نىسبىتى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئارخىپ چىقىرىشتىكى قانائەتلىنىش نىسبىتى تۆۋەنلەشتەك ئەھۋال كۆرۈلمىدى. ئىسلاھات مەكتەپلەرنىڭ تۈركۈمگە بۆلۈش سەۋەبلىك پەيدا بولغان توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىش ئالاھىدىلىكىنى قوغداپ، پەن ۋە كەسىپ يۆنىلىشىنى مۇستەھكەملەپلا قالماستىن يەنە، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلىشى ئۈچۈن پەنلەر قۇرۇلۇشى ۋە كەسپىي تەربىيەلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىغا تۈرتكە بولدى.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر