باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاياغلاشتى

2016.09.09 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرىمىزنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشقان. بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا 161مىڭ 600 ئوقۇغۇچى تىزىملاتقان، 135 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنغان، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتى 81.58% بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 0.15 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، تولۇق كۇرسقا 74 مىڭ 800 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %45.03كە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 0.55 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان؛ ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس)قا 60 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %36.55 كە يەتكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، پىلاننىڭ ئورۇندىلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى قايتا - قايتا تەقلىدىي ئارخىپ قوبۇل قىلىش، كۆپ قېتىم ئارزۇ تولدۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىش، تەشۋىق قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانغان. بۇلار ئىچىدە، قايتا ئارخىپ قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، ئورۇندالمىغان پىلانغا پۈتۈنلەي ئاشكارا ئارزۇ توپلىغان، بۇ يىل ھەر خىل تىلدا ئايرىم - ئايرىم تۆت قېتىم توپلاشقا تەشكىللەنگەن، جەمئىي 72 مىڭ 900 نەپەر ئىمتىھان بەرگۈچى ئارزۇ تولدۇرغان، 16 مىڭ 800 ئوقۇغۇچى قايتا ئارزۇ تولدۇرۇش ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغان.

  بۇ يىل شىنجاڭدىكى 848 مەكتەپ جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئايرىم 5134 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، قوبۇل قىلىش نىسبىتى بۇلتۇرقىدىن 39.51% ئاشقان. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىل جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتن 40 مىڭ 400 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، بۇلتۇرقىدىن 3700 ئادەم كۆپەيگەن، ئومۇمىي قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى 77.29%گە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر