خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (پوسكام ناھىيەسى كۈيباغ يېزىلىق تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن تۇرسۇن راخمان خەۋىرى) 17- سېنتەبىر، پوسكام ناھىيەسىنىڭ كۈيباغ يىزىسى ئوتتۇرا ياستۇڭ كەنتىدىكى دېھقانلار قۇرۇغان قوناقلىرىنى ماشىنا ئارقىلىق سوقۇپ ئادالاش، كىرىم قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ يىل كۈيباغ يېزىسىدىكى دېھقانلار كادىرلار ۋە تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 5000 مو ئېڭىز ئورنىغا سولياۋ يوپۇق يېپپ ئەلا سورتلۇق چىلگە قوناق تېرىغان بولۇپ، قوناق پەرۋىشىنى تۈجۈپىلەپ ياخشى ئىشلىگەنلىكتىن، قوناقتىن ئوبدان ھوسۇل ئېلىپ، قوناقنىڭ مو بېشى بىرلىك ھوسۇلىنى 500 كىلوگىرامغا يەتكۈزۈپ، بۇلتۇرقىدىن 40 نەچچە كىلوگورامغا يېقىن ئاشۇرۇپ، ھەر مو يەردىن 1200 يۈەندىن 1500 يۈەنگىچە كىرىم قىلدى.
سۈرەتتە: 17- سىنتەبېر، بۇ يېزىنىڭ كۈيباغ كەنتىدىكى دېھقانلار ماشىنا ئارقىلىق قوناق سوقماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى