باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۆزبىكىستان پارلامېنت بىرلەشمە يىغىنىدا زوڭلى مىرزىيوفنىڭ زوڭتوڭلۇق ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن ئۆتىشى قارار قىلىندى

2016.09.09 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆزبىكىستان ئالىي پارلامېنتىنىڭ قانۇن چىقىرىش مەھكىمىسى ۋە كېڭەش مەھكىمىسى بىرلەشمە يىغىنىدا 8- سېنتەبىر زوڭلى مىرزىيوفنىڭ زوڭتوڭلۇق ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن ئۆتىشى قارار قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەركىزىي سايلام كومىتېتىغا زوڭتوڭ سايلىمى قانۇنىغا ئاساسەن ئۆزبىكىستان زوڭتوڭىنى سايلاش خىزمىتىنى تەشكىللەش تەكلىپى بېرىلدى.

  ئۆزبىكىستان ئالىي پارلامېنتىنىڭ قانۇن چىقىرىش مەھكىمىسى ۋە كېڭەش مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسى 8- سېنتەبىر ئېلان قىلغان ئاخباراتتا، ئۆزبىكىستان ئالىي پارلامېنتىنىڭ قانۇن چىقىرىش مەھكىمىسى ۋە كېڭەش مەھكىمىسى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ شۇ كۈنى پايتەخت تەشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، كېڭەش مەھكىمىسىنىڭ رەئىسى يولداشوفنىڭ ئۆزبىكىستان زوڭلىسى مىرزايىفنى زوڭتوڭلۇق ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن ئۆتەش تەكلىپى بەرگەنلىكى ئېيتىلدى.

  مىرزايىف 1957- يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، 2003- يىلدىن ھازىرغىچە ئۇدا ئۆزبىكىستان ھۆكۈمېتىنىڭ زوڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن.

  ئۆزبىكىستان زوڭتوڭى كەرىموف 9- ئاينىڭ 2- كۈنى مېڭىگە قان چۈشۈش سەۋەبلىك داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر