باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ ئادىللىقى ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاتا قىلدى

2016.09.09 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «1 مىليارد 300 مىليون ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل بولغان مائارىپتىن بەھرىلەندۈرۈشكە تىرىشايلى». پارتىيە 18-قۇرۇلتىيدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن مائارىپ ئادىللىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر قاتار سىياسەت تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي لىنىيە قىلىنغان ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يولى بارغانسېرى روشەنلىشىپ كېڭەيدى.

  تەكشىلەشتۈرۈش يولى مۇستەھكەم، مۇقىم بولۇپ، تەكشى تەرەققىيات ئېلىمىزنىڭ مەجبۇرىي مائارىپىتىكى ھالقىلىق سۆزگە ئايلاندى. 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە 1302 ناھىيە(شەھەر، رايون) دۆلەتنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى باھالاپ بېكىتىشىدىن ئۆتۈپ، 2020-يىللىق نىشاننىڭ %47نى تاماملىدى. «مەكتەپ تاللاش قىزغىنلىقى» تەدرىجىي سۇسلاشتى، نوپۇزلۇق ئاپپاراتنىڭ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، بەش يىل ئىلگىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئېلىمىزدىكى نۇقتىلىق چوڭ شەھەرلەرنىڭ مەجبۇرىي مائارىپنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنىڭ ئېىشىش نىسىبىتى %10 ئەتراپىدا بولغان.

  يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى تۇرالايدىغان، ياخشى ئوقۇتالايدىغان بولدى. ھازىرغىچە، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ «ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى» بويىچە 10 يىلدا 502 مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىپ، پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى ھەقسىز ئوقۇغان 47 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارغا بېرىپ تولۇقسىز ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بولدى. «دۆلەت تەربىيەلەش پىلانى» بويىچە ئالتە يىلدىن بۇيان 8 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق يېزا ئوقۇتقۇچىسى تەربىيەلەندى. 22 ئۆلكە 573 ناھىيەدىكى 1 مىليون 40 مىڭ ئوقۇتقۇچى، تۇتاش ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلاردىكى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا بېرىلىدىغان تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمان بولدى.نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش پۇرسىتى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. «نامرات رايونلارغا يۈزلەنگەن نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس پىلانى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، نامرات يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش سانى ئۇدا ئىككى يىل %10تىن يۇقىرى بولدى. ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ كۆچكەن بالىلارنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسى ئۆستى. ئېلىمىز بۇ يىل 30 ئۆلكىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ كۆچكەن بالىلارنىڭ شۇ جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ كۆچۈپ كەلگەن 1 مىليون 180 مىڭ بالا، بارغان جايىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىشكە تىزىملاتتى.

  ياردەم بېرىش سىياسەتلىرى ئاساسىي قاتلامغا تىرەك بولدى. دۆلەتنىڭ ياردىمى بىلەن، تېخىمۇ كۆپ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئارزۇسى روياپقا چىقتى. 2015-يىلى مەملىكەت بويىچە نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش مەبلىغى 150 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 84 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا ياردەم بەردى. ھازىر، 33 مىليون 475 مىڭ يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش پىلانىدىن بەھرىلەنمەكتە.

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىدا، مائارىپ مۇھىم ئاساسىي، باشلامچى رول ئوينايدۇ. مائارىپ ئادىللىقى ئاممىغا ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاتا قىلماقتا.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر