باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ ئۆلكە دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ بىرلىكسەپ نەزەرىيە-سىياسەتلىرى ۋە دىن خىزمىتى مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2016.09.08 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- سېنتەبىر، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىرلىك سەپ نەزەرىيەسى، مىللىي سىياسەت ۋە دىن قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئائىت مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرىغا سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە كۇرسىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ مەقسىتى پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى، 18- نۆۋەتلىك ئۈچىنچى، تۆتىنچى ۋە بەشىنچى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، ھەمدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ دىنىي مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىدىيىنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ, ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ, يېڭى ۋەزىيەتتىكى دىن خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىسلاھات ‐ ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان, دۆلىتىمىز دىن خىزمىتىنىڭ ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى، دىن ساھەسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىناق ۋە مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلاپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دىن خىزمىتى دۇچ كەلگەن بەزى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىش زۆرۈر بولماقتا. مەسىلىنى تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي زىددىيەتنى تۇتۇپ، نۆۋەتتىكى دىن ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ تەتقىق قىلىش ۋە ھەل قىلىش لازىم، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىشىنى كۈچەيتىشىگە مەدەت بېرىش، چېگرا سىرتىدىكىلەرنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسۇش، جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى جايلارنىڭ دىن خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، ئومۇمىي خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە كۇرسى 9- ئاينىڭ 1-كۈنى دەرس باشلىغان بولۇپ، جەمئىي يەتتە كۈن ئېچىلدى، ئاساسلىقى مەركەزنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، يېڭى ۋەزىيەتتە دىن خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر