باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

يىغىندا ھالقىلىق ساھەلەر ۋە ئاجىز ھالقىلاردا كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تايىنىپ، تەرەققىياتنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش نىئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2016.09.08 13:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 9 - ئاينىڭ5 - كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، ھالقىلىق ساھەلەر ۋە ئاجىز ھالقىلاردا كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تايىنىپ تەرەققىياتنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىچكى ئېھتىياجنى مۇۋاپىق ئاشۇرغاندا تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ياراتقىلى بولىدۇ. مۇھىمى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك سېلىنمىغا يېتەكچىلىك قىلغىلى ۋە ئۇنى كېڭەيتكىلى ھەم ئۈنۈملۈك تەمىناتنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بۇ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھازىرقى خام ئەشيا - ماتېرىيال قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسى سەل تۆۋەن بولۇشتەك پايدىلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، ئاپەتتىن كېيىن قايتا قۇرۇش ۋە ئوتتۇرا - كىچىك سۇ ئەسلىھەلىرىنى ئوڭشاش، مۇستەھكەملەش، زور يۇمشاق - قاتتىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، يېڭى كەسىپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەرنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە، مېخانىزمنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسەت «رېتسېپى»نى ياخشىلاپ، بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى ياخشى قوللىنىش كېرەك. بىرىنچىدىن، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا بېكىتىلگەن ئومۇمىيلىق، ئۇل خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېتەرسىزلىكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاش، شەھەر، يېزىلارنىڭ رايون پەرقىنى ئازايتىشنى چۆرىدەپ، يولغا قويۇش لايىھەلىرىنى تېز بېكىتىپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، ماددىي خىزمەت مىقدارىنى ئىمكانقەدەر تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك. زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ئۈچ يىل دومىلىما مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈرلەرنى زاپاس ساقلاش مېخانىزمى ۋە دومىلىما يولغا قويۇشتەك سۈپەتلىك ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاكتىپ ئازايتىش، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قەتئىي شاللاش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوزغاش. مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، قويۇپ بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنى ئۇدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت تەكشۈرۈپ تەستىقلايدىغان مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى مۇندەرىجىسى بىلەن كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە ئەنگە ئالدۇرۇپ باشقۇرۇش نىزامىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزىتىپ بېكىتىش كېرەك. رايون، ۋادا ۋە چېگرا ھالقىغان تۈرلەردىن باشقا، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى بازارغا ۋە يەرلىككە قويۇپ بەرگىلى بولىدىغانلىرىنى بىردەك قويۇپ بېرىش كېرەك. ئۇل ئەسلىھەلەر ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش چەكلىمىسىنى يەنىمۇ قويۇۋېتىش، مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىدە خەلق باشقۇرۇشىدىكى ۋە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئورۇنلارغا بازار ئىجازىتى، ئۇنۋان باھالاش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىدا نۇقتا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش كېرەك. مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداشقا دائىر سىياسەت، تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى مال - مۈلۈكلەرنى قانۇن بويىچە قوغداشنى ئاشۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تىنما مەبلەغنى بىر تۇتاش پىلانلاپ جانلاندۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ سېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش تەلىپى بويىچە باشقا جايغا يۆتكەپ يۆلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەخسۇس تۈر قۇرۇلۇش فوندىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئىشلىتىش، مەركەزنىڭ خامچوت ئىچىدىكى مەبلىغىنى سۇ ئىنشائاتىدىكى ئاجىز ھالقىلار، شەھەرلەردىكى ھۆلچىلىكتىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشلىرىغا سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت كاپىتالى ھەمكارلىق ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، جەمئىيەتكە نەق پۇل ئېقىمى، مۇقىم پايدا مۆلچەرى بار بىر تۈركۈم تۈرلەرنى يەنە بىر قېتىم مەركەزلىك تونۇشتۇرۇش كېرەك. مەركەز كارخانىلىرىنىڭ يېزا توك تورى، تېلېگراف ئۇل ئەسلىھەلىرى قاتارلىق كەمتۈكلۈك بار ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشىنى كۆپەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات ۋە سىياسەت خاراكتېرىگە ئىگە بانكىلارنىڭ كىرېدىت ياردىمى بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. سودا بانكىلىرىنى ئىستراتېگىيەلىك يېڭى گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كىرېدىت باشقۇرۇش ۋە باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىگە ئوتتۇرا - ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز پۇل بېرىش، بازار ئۆسۈمى قاتارلىق جەھەتلەردە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. كارخانىلارنىڭ زايوم، پاي ھوقۇقى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قۇرۇلۇش مەبلىغى توپلىشىنى قوللاش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ يېڭى تەجرىبىلىرىنى تەقلىد قىلىش، كېڭەيتىشنى تېزلىتىش، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش مەنپىي تىزىملىكى ۋە پىششىقلاش سودىسىنى ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلارغا يۆتكەشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەتلىرىنى چىقىرىش كېرەك. بەشىنچىدىن، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇكاپاتلاش - جازالاش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. جايلار ۋە تارماقلار مۇھىم ۋەزىپىلەرنى يولغا قويۇش ۋاقىت جەدۋىلىنى بېكىتىپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، سىناشنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان جايلارغا مۇھىم سىياسەت، مۇھىم ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مايىل بولۇپ، ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش؛ خىزمەتتە كۈچلۈك بولمىغان، تەرەققىياتتا ئارقىدا قالغانلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش. ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر