باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فېلىپپىن زوڭتوڭى ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە ئەيىپلىنىشكە نارازى بولۇپ، ئوبامانى سەت گەپلەر بىلەن تىللىدى

2016.09.07 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- سېنتەبىر تاراتقۇلار مۇنۇلارنى خەۋەر قىلدى: تاراتقۇلار فېلىپپىن زوڭتوڭى رودرىگو دۇتېرتتىن ئامېرىكا زوڭتوڭى باراك ئوباما بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشتىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ھەققىدە سورىغاندا، ئۇ تۇيۇقسىز قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، سەت گەپلەر بىلەن ئوبامانى ھاقارەتلەپ، ئامېرىكىنى ئۆزى باشلامچىلىق قىلغان زەھەرگە قارشى ھەرىكەتنى كەلسە-كەلمەس ئەيىبلەۋەرمەسلىك كېرەكلىكى ھەققىدە ئاھاھلاندۇرۇپ، فېلىپپىننىڭ "ئەمدى مۇستەملىكە ئەمەس"لىكىنى تەكىتلىدى.

  دۇتېرت ئەسلىدە 6- سېنتەبىر لائوسنىڭ پايتەختى ۋېنتيەندە ئېچىلغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە ئوباما بىلەن ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزمەكچى بولغان. ئوباما بۇنىڭدىن بۇرۇن، زەھەر جىنايىتىنىڭ فېلىپپىننىڭ "چوڭ مەسىلە"سى ئىكەنلىكىنى ئامېرىكىنىڭ ئېتراپ قىلىدىغانلىقىنى، بىراق زەھەر جىنايىتىگە زەربە بېرىشتە "توغرا ئۇسۇل" قوللىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، "شۇبھىسىزكى، بىز سۆھبەتلەشكەندە بۇ مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، مەن بۇ مەسىلىنىڭ توغرا ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن." دېگەن ئىدى.

  دۇتېرت جىنايەتچىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش بىلەن داڭ چىقارغان. فېلىپپىننىڭ زوڭتوڭى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ سايلام مەزگىلىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا باشلاپ، فېلىپپىندا بىر مەيدان زەھەرگە قارشى ھەرىكەت قوزغىدى. بىراق زور تۈركۈمدىكى جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ئېتىۋېتىلىش ھادىسىسى فېلىپپىن ئىچىدىكى بىر قىسىم ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى.

  ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، دۇتېرت زوڭتوڭ بولغاندىن باشلاپ بۇ ئاينىڭ 4- كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا، 2400دىن ئارتۇق زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇماندارلىرى فېلىپپىندىكى ساقچىلارنىڭ زەھەرگە قارشى ئوچۇق-ئاشكارا ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن ۋە باشقا ۋەقەلەردە ئۆلگەن.

  5- سېنتەبىر كۈنى بىر مۇخبىر فېلىپپىندىن لائوسقا بارغان دۇتېرتتىن زەھەرگە قارشى ھەرىكەت ھەققىدىكى تالاش تارتىشنى ئوباماغا قانداق چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى سورىغاندا، دۇتېرت ئوبامانى "ھۆرمىتىنى قىلغاننى بىلىپ"، فېلىپپىننىڭ ئاتالمىش ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۇنى بۇنى دېمەسلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

  دۇتېرت، «مەن بىر ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە دۆلەتنىڭ زوڭتوڭى، بىز ئەمدى مۇستەملىكە ئەمەس، مېنىڭ فېلىپپىن خەلقىدىن باشقا ئىگەم يوق، ھۆرمىتىڭنى قىلىپ، تولا گۇمان قىلما... بولمىسا ئۇ يىغىندا سېنى قارغايمەن»، دېدى.

  سۆزىدە دۇتېرت يەنە فېلىپپىن تىلىدىكى بىر جۈملە سەت گەپ بىلەن ئوبامانى تىللىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر