سۈرەتتە: 5- سېنتەبىر، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش تەتقىقات يۇرتى بىلەن شەنشى ئۆلكىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى ياڭ جۇ پادىشاھىنىڭ خانىشى شياۋ خانىشنىڭ تاجىسىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان بۇيۇمنى شىئەندە كۆرگەزمە قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، شەنشى ئۆلكىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش تەتقىقات يۇرتى ياڭجۇ شەھىرى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى بىلەن بىرلىشىپ شىئەندە ياڭجۇ پادىشاھى سۈي ياڭ پادىشاھىنىڭ خانىشى شياۋ خانىشنىڭ تاجىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەجرىبە قىلىش ۋە قوغداش نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى ھەم شياۋ خانىشنىڭ تاجىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان ھەقىقىي بۇيۇمنى ئېلان قىلدى. ئارخېئولوگىيە خادىملىرى ھازىر بېكىتىلگەن شياۋ خانىشنىڭ تاج رامكىسى ئىككى چېكە چاچ، كېسىشىش شەكىللىك ئىككى لىمى ۋە چەمبەر شەكىللىك ئۈچ چەمبىرەكتىن شەكىللەنگەن، يەنە 12 تال سۇ تامچىسى شەكىللىك زىننەت بۇيۇمى، تەقلىد قىلىنغان 13 تۈپ گۈللۈك دەرەخ بار بولۇپ، تاج ئاساسلىقى مىس، ئالتۇن، ئەينەك، ئاق مەرمەر، مەرۋايىت قاتارلىق 10 خىل ماتېرىيالدىن ياسالغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى