خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 7-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، لائۇس ۋيېنتيان دۆلەت يىغىن مەركىزىدە، 19-قېتىملىق جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى (10+1) باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. لى كېچياڭ ۋە لائۇس زۇڭلىسى تونلون بىلەن بىللە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى،شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى 10 دۆلەت رەھبىرى يىغىنغا قاتناشتى.
لى كېچىياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى خەلقئارا بوران-چاپقۇنلارنىڭ ئۆزگۈرۈشچان سىناقلىرىدىن ئۆتكەن، چوڭ-كىچىك دۆلەتلەر باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئۈلگىسىنى تىكلىدى. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ 25 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلىگەندە، ئىككى تەرەپ «ئىشەنچ» نى ئاساس قىلىپ ئۆز-ئارا ئىشىنىش، ئۆز-ئارا قوللاشتا چىڭ تۇردى؛ «مەجبۇرىيەت» نى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ھەمكارلىشىپ بىر-بىرىنى قوغدايدىغان ياخشى قوشنا، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇشتا چىڭ تۇردى. «مەنپەئەت» نى ئۆلچەم قىلىپ، ئورتاق تەرەققىيات پىلانى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدا ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئورتاق نەپ ئېلىش يولىنى كېڭەيتىپ، بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان، ئورتاق نەپ ئېلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى؛ «ئىناقلىق» نى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق ۋە دوستانىلىق ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق تالاش-تارتىشلارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىنچ، مۇقىم بولۇشنى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىگە ئايلاندۇردى.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى