خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سېنتەبىر ئېيىدا شىنجاڭنىڭ ساپ ۋە سالقىن ھاۋاسى كىشىلەرگە ھوزۇر ئاتا قىلسا، بىرگە كەلگەن قۇربان ھېيت ۋە تاۋۇز چاغىنى كىشىلەرنى تېخىمۇ خوشاللاندۇردى، خوتەندىن بېيجىڭغىچە، يېزىلاردىن شەھەرلەرگىچە، غەربىي شىمالدىكى چۆللۈكتىن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى سۇ يۇرتىغىچە، بىر مەيدان « تەڭرىتاغدىن ھالقىغان ئەتلەس » تېمىسىدىكى مەدەنىيەت پائالىيىتى شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى بايرام تەنتەنىسىگە ئەتلەس ئۆزگىچە مودا گۈزەللىكى بىلەن ھۆسىن قوشتى.
11- سېنتەبىر سائەت نۆلدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم ـ كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى يېتەكلەش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان « تەڭرىتاغدىن ھالقىغان ئەتلەس . 2- نۆۋەتلىك ئەتلەس ئىجادىي مەھسۇلاتلىرىنى لايىھەلەش مۇسابىقىسى » توردا بېلەت تاشلاش رەسمىي باشلاندى.
بىر دەمدىلا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى لايىھىلىگۈچىلەر بىرلىشىپ ئىجاد قىلغان شىنجاڭنىڭ ئەتلەس مەھسۇلاتلىرى ئاپتونوم رايون بويىچە كەڭ تارقىلىپ، غايەت زور ئىجتىمائىي ئىنكاس قوزغاپ، قۇربان ھېيتنى جانلاندۇردى. قىسقىغىنە ئىككى كۈندىن كىيىن، توردا بېلەت تاشلاش چېكىلىش مىقدارى 50 مىڭغا يەتتى، ئاز كەم 30 مىڭ ئادەم ( قېتىم ) ئەڭ گۈزەل ئەتلەس ئىجادىي مەھسۇلاتىنى باھالاشقا قاتناشتى ۋە بېلەت تاشلىدى.
مىڭدىن ئارتۇق تورداش بەس - بەستە سۆز قالدۇرۇپ ئەتلەسنىڭ گۈزەللىكىدىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى، بېيجىڭلىق بىر تورداش: «ئەتلەس ھەقىقەتەن بەك گۈزەلكەن،ئالايلى! ئالايلى! ئالايلى!»؛ شاڭخەيلىك بىر تورداش: «بۇ يىلقى < تەڭرىتاغدىن ھالقىغان ئەتلەس › تېخىمۇ مودا بوپتۇ، بەك ياخشى كۆردۈم»؛ خوتەنلىك بىر تورداش: «ئەتلەسنى يەنە بۇنداق لايىھىلىسە بولىدىغانلىقىنى ھەقىقەتەن ئويلىمىغانىدىم، ئېسىل!»؛ ئاقسۇلۇق بىر تورداش: «مەن شىنجاڭ ئۈچۈن چەكسىز پەخىرلىنىمەن»؛ قەشقەرلىك بىر تورداش:« ئېسىل! ئېسىل! ئەتلەس بەك گۈزەل!».
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى