باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىن ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش ئاق تاشلىق كىتابى: تۆت يىلدا 3369 كىشى گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلىندى

2016.09.13 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 12-سېنتەبىر «جۇڭگونىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ساھەسىدىكى ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشتىكى يېڭى تەرەققىياتى» دېگەن ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. ئاق تاشلىق كىتاب خەنزۇچە خەت بويىچە ھېسابلىغاندا تەخمىنەن 13900 خەتلىك بولۇپ، كىرىش سۆزىدىن باشقا يەنە ئىنسانىي ھوقۇققا قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىنسانىي ھوقۇققا قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش تەرتىپىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش،ئىنسانىي ھوقۇققا قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش ئىجرا قىلىش كۈچىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇش ۋە تۇتۇپ تۇرۇلغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت تۆت بۆلەككە بۆلۈنگەن.

  ئىنسانىي ھوقۇقنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش، جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ مۇستەھكەم ئىرادىسى ۋە ئىنتىلىشى. قانۇن يۈرگۈزۈش ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشتىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە لىنىيەسى بولۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ساھەسىدىكى ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش، ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم تەرىپى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگو قاماقخانىلىرى قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتكە قەرەللىك ئاشكارىلىشى كېرەك. تەپتىش ئورگانلىرى قاماقخانىلارنىڭ جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنىڭ قاماقخانىغا كىرگەندىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ۋە قاماقخانىدىن ۋاقىتلىق چىقىشنى باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ، تەھقىقلىگۈچىنىڭ جىنايەت گۇماندارىنى قاماقخانىنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ قانۇنسىز سوراق قىلىشى ياكى قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ياكى تۈزىتىشى كېرەك.

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 12-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «جۇڭگونىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ساھەسىدىكى ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشتىكى يېڭى تەرەققىياتى» دېگەن ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگو گۇمانىي جىنايەتنى يوققا چىقىرىش پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ناھەق، يالغان، خاتا دېلولارنىڭ پائال ئالدىنى ئالدى ۋە تۈزەتتى. 2012-يىلدىن 2015-يىلىغىچە، ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى 3369 جاۋابكارنى گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلدى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2015-يىلغىچە، جۇڭگودا 3 مىليون 80 مىڭ كىشى ئىجرا قىلغۇچى تەرىپىدىن لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، 3 مىليون 577 مىڭ ئادەم/قېتىمنىڭ ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىشىنى، 598 مىڭ 800 ئادەم/قېتىمنىڭ پويىزنىڭ يۇمشاق كارىۋات بېلىتى، تېز پويىز ۋە دىۋىگاتېللىق پويىزنىڭ 1-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بېلەت سېتىۋېلىشىنى توستى.

  مەنبە: خەلق تورى

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر