باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تۇنجى بوشلۇق پويىزى پۈتتى

2016.09.13 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىزنىڭ تۇنجى بوشلۇق پويىزى يېقىندا جۇڭگو جۇڭچې نەنجىڭ پۇجېن ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىدە پۈتتى. شۇنىڭ بىلەن ئېلىمىز گېرمانىيە ۋە ياپونىيەدىن كېيىن 3-بولۇپ بوشلۇق پويىزى ياساپ چىققان دۆلەتكە ئايلاندى.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: بوشلۇق پويىزى بوشلۇقتىكى رېلىستا قاتنايدىغان بىر خىل رېلىسلىق قاتناش ۋاسىتىسى، ئاسما قۇرۇلما بىلەن رېلىسقا ئۇلانغان، رېلىسنىڭ كەڭلىكى 0.78 مېتىر، يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى توققۇز مېتىر، شەھەرنىڭ كۆكەرتىش بەلبېغى ئۈستىگە قۇرۇلسا بولىدۇ، ئاستىدىكى ئاپتموبىللارنىڭ يۈرۈشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. پويىز ئېغىرلىقى 22 توننا، ئەڭ كۆپ بولغاندا 230 يولۇچى چىقالايدۇ، ئاككۇمۇلياتوردا توك يوللاش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، تۆت سائەت يۈرەلەيدۇ، يۈرۈش سۈرئىتى سائىتىگە 65 كىلومېتىر بولۇپ، مېتروغا ئوخشايدۇ. مېترو ۋە تىرامۋايغا سېلىشتۇرغاندا، بوشلۇق پويىزىنىڭ پۈتۈش باھاسى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، دۆڭگە چىقىش ۋە يۆنىلىش ئۆزگەرتىش جەھەتتە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە، تاغلىق رايون، ساياھەت رايونى قاتارلىق يەر شارائىتى بىر قەدەر مۇرەككەپ رايونلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر