باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتكوم مەركىزىي گۇرۇپپا ئۆگىنىشى تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

2016.09.13 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتكوم مەركىزىي گۇرۇپپا ئۆگىنىشى تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى 10-، 11-سىنتەبىر چاڭچۈندە ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ: ئۆگىنىشچان، مۇلازىمەتچان، يېڭىلىق يارىتىشچان ماركىسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە قۇرۇش تەلىپى بويىچە، پارتكوم مەركىزىي گۇرۇپپا ئۆگىنىشىنىڭ ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  ليۇ يۈنشەن سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: پارتىيەمىز ئۆگىنىشكە تايىنىپ بۈگۈنگە كەلدى، مۇقەررەر ئۆگىنىشكە تايىنىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىدۇ. بىز يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپە ئالدىدا، ئەسلى مەقسىتىمىزنى ئۇنتۇپ قالماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز، مۇھىمى رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق ئاز سانلىقلارنى چىڭ تۇتۇپ، پارتكوم مەركىزىي گۇرۇپپا ئۆگىنىشىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيە ۋە جەمئىيەتتە ئۆگىنىش قىزغىنلىقى قوزغىشىمىز؛ تەرەققىياتنىڭ يېڭى تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئۆگىنىشنىڭ باش تېمىسى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، ئۆگىنىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيەۋى ئىستىل، قابىلىيەت ساپا ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆستۈرىشىمىز لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر