باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىر، ئىختىساسلىقلارغا ھال سوراش خېتى ئەۋەتتى

2016.09.13 12:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تاۋۇز چاغىنى، قۇربان ھېيت كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىر، ئىختىساسلىقلارغا خەت يېزىپ، ئۇلاردىن بايراملىق ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى. ھال سوراش خېتىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  8 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، يولداشلار:

  تاۋۇز چاغىنى، قۇربان ھېيت كېلىش ئالدىدا، بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن سىلەر ۋە ئائىلەڭلەردىكىلەردىن بايراملىق ھال سورايمىز ۋە سىلەرگە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيمىز!

  پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. 1996 - يىلى تۇنجى تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلار شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن بۇيان، ئارىدىن 20 يىل ئۆتتى. 20 يىل كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق كۆپلىگەن ئەمەلىي نەتىجىلەر يارىتىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەر، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ كۈچەپ قوللىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن تۈركۈملىگەن كادىر، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭنى ئىككىنچى يۇرتى، ھەر مىللەت ئاممىنى قېرىندىشى دەپ بىلىپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ 8 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىر، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا كەلگەن ئىككى يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى تاشلاپ، كۆپچىلىكنى ئويلاپ، مېھىر - مۇھەببىتى، مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن شىنجاڭغا ئۆزلىشىش، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، شىنجاڭنى قۇرۇش، شىنجاڭغا تۆھپە قوشۇشقا قاتنىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، ساداقىتى، ئېتىقادىنى شىنجاڭغا ئاتاپ، مېھىر - مۇھەببىتىنى ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىغا بېغىشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يېزىشقا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى سىلەرگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىدۇ ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ!ھازىر، شىنجاڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ھالقىلىق باسقۇچتا تۇرماقتا. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى پۇختا ئىگىلەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىنى تولۇق تونۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئاممىۋىلىقىنى باشتىن - ئاخىر ئىگىلەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، يەنىمۇ يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى زور سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىر، ئىختىساسلىقلارغا ئىلگىرىكىدەكلا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە كۆڭۈل بۆلىدۇ، سىياسىي جەھەتتە تولۇق ئىشىنىپ، خىزمەتتە زور كۈچ بىلەن قوللاپ، تۇرمۇشتا كۆيۈنۈپ، كۆپچىلىكنى قېرىنداش ۋە دوست، قىممەتلىك بايلىق دەپ بىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىر، ئىختىساسلىقلارنىڭ خاتىرجەم خىزمەت قىلىشى، رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن پائال ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. سىلەرنىڭ شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، شىنجاڭنى قۇرۇش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت - سائادەت يارىتىشنى باشتىن - ئاخىر ۋەزىپەم دەپ بىلىپ، سادىق ۋە قەتئىي بولۇش، دادىل زىممىگە ئېلىشتەك سىياسىي خىسلىتىڭلارنى، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، جاسارەتلىك - ياراملىق بولۇشتەك خىزمەت ئىستىلىڭلارنى، تەلەپچان بولۇش، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشتەك پەزىلىتىڭلارنى داۋاملىق ساقلاپ، ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشۇڭلارنى، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆۋرۈك بولۇپ، ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ئاخىرىدا، يولداشلارنىڭ بايرامنى خۇشال - خورام ئۆتكۈزۈشىنى، تېنىنىڭ ساغلام، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى چىن قەلبىمىزدىن تىلەيمىز!

  ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىدىن چېن چۈەنگو

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدىن شۆھرەت زاكىر

  2016 - يىل 10 - سېنتەبىر


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر