- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تاۋۇز چاغىنىدا «شىنجاڭچە تەم» ھۆججەتلىك فىلىمىنى كۆرسىتىدۇ
2016.09.13 15:57 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
چوڭ تىپتىكى ئادىمىيەت، جۇغراپىيە ھۆججەتلىك فىلىمى بولغان «شىنجاڭچە تەم» 15-سېنتەبىردىكى تاۋۇز چاغىنىدا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھۆججەتلىك فىلىم قانىلى بولغان 9-قانالنىڭ ئالتۇن ۋاقتى سائەت 21 دىن 59 مىنۇت ئۆتكەندە كۆرسىتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېڭشۈن ۋىدىيوسىدا تولۇق كۆرسىتىلىدۇ.
«شىنجاڭچە تەم» ھۆججەتلىك فىلىمىنى ئىشلەش گۇرۇپپىسى 2014-يىلى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى 200 نەچچە كۈن ئايلىنىپ، 20 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ، مىڭغا يېقىن ئادەمنى زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئون نەچچە مىللەتنىڭ 80 نەچچە خىل ئېسىل نازۇ-نېمىتىنى بىر-بىرلەپ سۈرەتكە ئالدى.
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھۆججەتلىك فىلىم رېژىسسورى شى فېڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تەبىئەت ۋە ئادىمىيەت ئامىلى-شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە خاس، كۆپ خىل، ساپ، ئېسىل يېمەك-ئىچمەك ئالاھىدىلىكىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىگە پۇختا ئاساس سالغان شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش قىياپىتى ۋە ئادىمىيەت روھىنى تېخىمۇ روشەن ئىپادىلەپ بەرگەن. «شىنجاڭچە تەم»نى ئىشلەپ كۆرسىتىش-شىنجاڭنىڭ ئېسىل نازۇ-نېمەت تېمىسىنى ۋاسىتە قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش ھالىتى ۋە بىر پۈتۈن كۆپ خىل مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپ، ئېسىل نازۇ-نېمەتلەرنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان تۇرمۇش ئادىتى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئەسلى تەمگە ئىگە، مەدەنىيەت گىرەلەشكەن، زامانىۋى گۈزەل تۇرمۇش بىلەن رەڭلەنگەن ئېسىل نازۇ-نېمەت مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى ۋە ئادىمىيەت ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر