باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى ئۈچ يىلدا نامرات يېزىلاردا 274 يەسلى سالىدىكەن

2016.09.13 15:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن ئېتىبارەن نىڭشيا ئۈچ يىل ۋاقىتتا 320 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئېھتىياجى بار نامرات يېزىلاردا 274 يەسلىنى يېڭىدىن سالىدىكەن ۋە كېڭەيتىپ سالىدىكەن ياكى كۆپەيتىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ 274 يەسلىدە 701 سىنىپ كۆپەيتىلىپ، نامرات يېزىلاردىكى بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىشىگە شارائىت يارىتىلىدىكەن. بۇ يىل نىڭشيا 146 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 181 يەسلى سالىدىكەن.

  2011-يىلىدىن بۇيان نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى ئىككى باسقۇچلۇق يەسلى مائارىپىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى ئۇدا يولغا قويۇپ، يەسلى مائارىپىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر قايسى جايلارنىڭ يېزا يەسلىلىرىنى يېڭىدىن سېلىشىغا ئىلھام بېرىپ ۋە قوللاپ، يېزىلاردا بىكار قالغان مەكتەپ بىنالىرىنى يەسلىگە ئۆزگەرتكەن ھەم يېزا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگە قاراشلىق يەسلىلەرنى يېڭىدىن تەسىس قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر