باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: پۇتىننىڭ نەنخەي كېسىم سوتى دېلوسىدىكى ئىپادىسى ئادىل، ئوبيېكتىپ بولۇپ، ھەققانىي مەيدانىنى نامايان قىلدى

2016.09.09 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ يېقىنقى فىلىپپىننىڭ نەنخەي كېسىم سوتى دېلوسىدىكى ئىپادىسى توغرىسىدا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 8-سېنتەبىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ، رۇسىيەنىڭ ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى ئوبيېكتىپ، ھەققانىي مەيدانىنى نامايان قىلغان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئادالەتنى ياقلاش ساداسىغا ۋەكىللىك قىلدى.

  شۇ كۈندىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: يېقىندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نەنخەي مەسىلىسىدە، رۇسىيە دائىرلىرى جۇڭگونىڭ نەنخەي كېسىم سوتى دېلوسىنى ۋە بۇ كېسىم نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلماسلىق مەيدانىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە زېمىن سىرتىدىكى ھەر قانداق چوڭ دۆلەتنىڭ نەنخەي مەسىلىسىگە ئارىلىشىشى مەسىلىنى ھەل قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، دەپ قارىدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ فىلىپپىننىڭ نەنخەي كېسىم سوتى دېلوسىدىكى ئىپادىسىگە دىققەت قىلدى. پۇتىننىڭ فىلىپپىننىڭ نەنخەي كېسىم سوتى دېلوسىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بېرىشى، رۇسىيەنىڭ ئالاقىدار ئوبيېكتىپ مەسىلىلەردىكى ھەققانىي مەيدانىنى نامايان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ۋاكالىتەن ھەققانىيلىقنى ياقلاش ساداسىنى ياڭراتتى، جۇڭگو بۇنىڭدىن تولىمۇ مەمنۇن.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر