- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى: ئىسلام دۆلىتىنىڭ مەشھۇر جايلارغا تېررورلۇق ھۇجۇمى تەھدىتىدىن قاتتىق ئاگاھ بولۇشىمىز كېرەك
2016.09.09 15:11 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
لائوستا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى تۇرۇنبۇل 7- سېنتەبىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئاۋسترالىيەگە تېررورلۇق تەھدىتى سېلىشى ھەمدە ئاتالمىش تەنھا بۆرە ھۇجۇمچىسى ۋە ئەسەبىيلەشكەن خەتىرىدىن ناھايىتى ئېھتىيات قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىمىز.
تۇرۇنبۇل مۇنداق دېدى: ئىسلام دۆلىتىنىڭ تەھدىت سېلىشىغا ئۇنىڭ سۇرىيە ۋە ئىراقتىكى ئۇرۇشلىرىنىڭ كەينى كەينىدىن مەبلۇب بولۇشى سەۋەبچى بولغان. ئۇ ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ زىيانلار تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن باشقا رايونلارغا ھۇجۇم قىلىشىغا سەۋەبچى بولالايدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ھىندونېزىيەنىڭ بەزى جايلىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېررورلۇق تەھدىتلىرىگە ئۇچرىغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر