باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ يەندوڭ مەملىكەتلىك يېزا كەنت ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىغا قاتناشتى

2016.09.09 15:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  32-ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندوڭ بېيجىڭدا مەملىكەتلىك يېزا كەنت ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىغا قاتنىشىپ، مەملىكەتلىك ئوقۇتۇش ۋە ئادەم تەربىيەلەش نەمۇنىچىلىرى ھەمدە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 30 يىلدىن ئاشقان يېزا كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەقدىرلەپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ليۇ يەندوڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا كەنت مائارىپىنىڭ سۈپىتى دۆلەت مائارىپى ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، ئۇ لاياقەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، مائارىپتا نامراتلارنى يۆلەشكە تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، نازارەتنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بېكىتكەن يېزا كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوللاش پىلانىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك، ئۆلكە دەرىجىلىك يېزا كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاشنى بىرتۇتاش پىلانلاش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئالاھىدە ئورۇن ئوقۇتقۇچىلىرى پىلانىنى يولغا قويۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تەربىيەلەش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ، قوشۇننى مۇقىملاشتۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېزا كەنت مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا جەلپ قىلىش كېرەك.

  نۆۋەتتە ئېلىمىزدە %32 تولۇقسىز، %62 باشلانغۇچ مەكتەپ، %34 يەسلى ۋە بارلىق ئوقۇتۇش نۇقتىلىرى يېزا كەنتلەردە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر