باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن قاتارلىق رەھبەرلەر ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى

2016.09.09 15:14         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  32 - قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن قاتارلىق رەھبەرلەر 8 - سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىنى يوقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشكە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىدىن بايراملىق ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى گۈزەلنۇر مەمەتجانمۇ، ئانىسىمۇ خەلق ئوقۇتقۇچىسى. چېن چۈەنگو ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كىرىمى، تۇرمۇشى ۋە خىزمەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. گۈزەلنۇر چېن چۈەنگوغا مۇنداق دېدى: ھازىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بىز ناھايىتى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز، مەكتىپىمىزدە ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار بىللە ئوقۇيدۇ، بىللە ئوينايدۇ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلار بىر - بىرىگە ياردەم بېرىپ، سەۋىيەسىنى بىرلىكتە ئۆستۈرۈۋاتىدۇ، ئۇلار ناھايىتى ئىناق. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللىتى كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلىدە ياشايدۇ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مۇشۇ چوڭ ئائىلىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئوقۇتقۇچىلار ئىش - ھەرىكەتتە باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغدايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇشى كېرەك.

  چېن چۈەنگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇر يېتەكچىسى جيا جېنخۇڭنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى، خىزمەت شارائىتى ۋە پەن تەتقىقات نەتىجىسى قاتارلىق ئەھۋاللانى تەپسىلىي سورىدى ھەم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلاردىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئەتراپلىق ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى زورايتىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئىستۇدېنتلار، ئوتتۇرا ياش ۋە ياش غوللۇق ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرىنى پائال يېتىشتۈرۈپ، يېڭى پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەپ، پارتىيە ياچېيكىسىنى سىنىپلارغىچە قۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىنى چىڭ ئىگىلەش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈنۈملۈك تايانچقا ئىگە قىلىش كېرەك. مائارىپ ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، مائارىپ سېلىنمىسىنى سىجىل زورايتىش، خەلق رازى بولىدىغان ياخشى مائارىپ بەرپا قىلىشقا تىرىشىش كېرەك.

  بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە كۆيۈنۈش، ئوقۇتقۇچىلارغا ھەر جەھەتتىن ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ياخشىلاش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى ھۆرمەتكە سازاۋەر كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «غايە - ئېتىقادلىق، ئەخلاق - پەزىلەتلىك، بىلىملىك، مېھىر - مۇھەببەتلىك بولۇش» مۇھىم يوليورۇقى بويىچە، ئالىيجاناپ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغا ئىگە، كەسىپتە پىشقان، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ھاياتىي كۈچكە تولغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قەتئىي، ئاڭلىق ئېتىقادچىسى ۋە سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى بولۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي جەريانىغا سىڭدۈرۈشىنى؛ ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، كەسىپچانلىق ۋە كەسىپ ئەخلاقىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئەخلاق ۋە جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي ياخشى ئۇستازى ۋە سىردىشى بولۇشىنى؛ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بىلىمىنى تېخىمۇ موللاشتۇرۇپ، ساپاسىنى ئۆستۈرۈشىنى؛ ئوقۇتۇش ئېڭىنى يېڭىلاپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى تاراتقۇ ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جياڭيىڭ ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئەنۋەر ياسىننى يوقلىدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىممىسىگە مۇقەددەس بۇرچ يۈكلەنگەن، ئۇلار شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىش ئورنى ۋە كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ، غايە - ئېتىقادلىق، ئەخلاق - پەزىلەتلىك، بىلىملىك، مېھىر - مۇھەببەتلىك ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇشىنى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى ۋە ئىزباسارلارنى تەربىيەلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار مائارىپ ئىشلىرىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۇنى قوللىشى، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلىشى ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەل قىلىشى، سۈپەتلىك مائارىپ مۇھىتى، كۈچلۈك ھەم ئۈنۈملۈك كاپالەت ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  نەيىم ياسىن شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى شى جياڭپىڭ ۋە شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالاھىدە دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇقېيۇم توختىنى يوقلىدى. نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: مائارىپ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىش خەلقنىڭ ئارزۇسى، بارلىق ئوقۇتقۇچىلار زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى چوڭقۇر تونۇشى، مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭغا تېخىمۇ كۆپ ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىشى، ئوقۇغۇچىلارغا مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىتىشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن تەڭ، ئۇلارغا قانداق ئادەم بولۇش، ئىشنى قانداق قىلىش ھەققىدىكى قائىدىلەرنىمۇ ئۆگىتىشى، دۆلەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى ئەڭ پەخىرلىك كەسىپكە، مائارىپنى ئەڭ ئالىيجاناب كەسىپكە ئايلاندۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ.

  نۇرلان ئابىلمەجىن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى كاڭ شۇزېڭ بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 36 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى جانارخاننى يوقلىدى. نۇرلان ئابىلمەجىن بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇ بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قەلبىگە باشتىن - ئاخىر مائارىپ ئىشلىرىنى، ئوقۇغۇچىلارنى پۈكۈپ، مائارىپ ئىشلىرىغا پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاتلىنىشىنى، ھەم پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىشىنى، ھەم سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىنى، قوش تىل ئوقۇتۇشى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قوش تىل ئىختىساسلىقلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەربىيەلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچلىك ئىزباسار، لاياقەتلىك قۇرغۇچىلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار يوقلاش ۋە ھال سوراش پائالىيىتىگە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر