باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

داۋالاشتا شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ھەر مىللەت ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزدى

2016.09.09 15:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 171 شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئىختىساسلىق خادىمى 4-ئايدىن بۇيان، گۇرۇپپا شەكلى بىلەن شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق دوختۇرخانا ۋە داۋالاش بۆلۈملىرىگە قاراتمىلىق ياردەم بەردى. بۇرۇنقى تارقاق ئۇسۇلدىكى شىنجاڭغا داۋالاش ياردىمى بېرىشكە سېلىشتۇرغاندا، بۇ خىل ئۇسۇلدا گۇرۇپپا ئەۋەتىش، كوللېكتىپ ئىشلەش، ياردەم بېرىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، شىنجاڭدىكى بارغانسېرى كۆپ ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىشىك ئالدىدىلا ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلالايدىغان بولدى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ گۇرۇپپا شەكلىدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا مۇنۇلار ئېلان قىلىندى: بۇ يىل 4-ئايدا، گۇرۇپپا شەكلىدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان دوختۇرلار شىنجاڭغا كېلىپ ئورۇنلاشقاندىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى جەمئىي 30 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق دىياگنوز قويۇپ ۋە داۋالاپ، بەش مىڭغا يېقىن ئوپېراتسىيە قىلدى، يولغا قويغان يېڭى تېخنىكا، يېڭى تۈر 320 گە يەتتى. تارىم ئويمانلىقىنىڭ گىرۋىكىدىكى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئوپېراتسىيە سانى %14 ئاشتى، يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش، دوختۇرخانا يۆتكەش سانى %30 ئازايدى.

  شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى يەرلىكتىكى 400 دىن ئارتۇق دوختۇر بىلەن ياردەم مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، يۈزمۇ-يۈز، قولمۇ-قول، قەلبمۇ-قەلب ھالدا تېخنىكا يەتكۈزدى؛ 1600 مەيدان قېتىم تۈرلۈك لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇپ، تېببىي خادىملارنى 10 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق تەربىيەلىدى؛ يەرلىكتىكى نۇرغۇن دوختۇرلارنى فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇشقا تەشكىللىدى.

  مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئىشلىرى تېز يۈكسەلدى. لېكىن رايون، تەبىئىي شارائىت، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش، ساقلىق ساقلاش سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن بولۇپ كەلدى. بۇلتۇردىن تارتىپ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلار داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنى گۇرۇپپا شەكلى بىلەن شىنجاڭدىكى يەرلىك ئاممىغا مۇلازىمەت قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن مۇنداق دېدى: داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى گۇرۇپپا شەكلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش-يېڭى مەزگىلدىكى كادىر ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىدىكى يېڭىلىق بولدى، بۇندىن كېيىن دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، سىياسەتلەرنى دەل جايىدا يولغا قويۇپ، داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ گۇرۇپپا شەكلىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىدە تېخىمۇ زور ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر