- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 150دىن كۆپرەك ئۆكتىچى قوراللىقلىرىنى ئېتىۋەتتى
2016.09.09 15:09
سۇرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 7- سېنتەبىر ئوتتۇرا قىسىمدىكى خاما ئۆلكىسىدە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىدە 150دىن ئارتۇق ئۆكتىچى گۇرۇھ قوراللىقلىرىنى ئېتىپ تاشلىغان.
يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا، باش ئىشتابى ئەنگلىيەنىڭ لوندونغا تەسىس قىلىنغان «سۇرىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» مۇنداق دېگەن: ئۆكتىچى گۇرۇھ قوراللىقلىرىنىڭ قولىدىن رۇسىيەلىك ئۇچقۇچىنىڭ جەسىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، سۇرىيە ھۆكۈمىتى خاما ئۆلكىسىگە قاماقلىق 85 مەھبۇسنى قويۇپ بېرىدۇ. رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر ھەربىي تىرانسپورت تىك ئۇچارى ئۆتكەن ئاينىڭ بېشىدا سۇرىيەنىڭ ئىدلىب ئۆلكىسىدە ئېتىپ چۈشۈرۈلدى، ئايروپىلاندىكى بەشەيلەننىڭ ھەممىسى قازا قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر