باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (شەرقىي لىنىيە) ئومۇمىي لىنىيەسىدە قاتناش باشلاندى

2016.09.09 15:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز يۈەن لېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى شەھىرى ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (شەرقىي لىنىيە) ئومۇمىي لىنىيەسىدە 8 - سېنتەبىر سائەت نۆلدە قاتناش باشلانغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بەش يىلدا پۈتكەن بۇ لىنىيەنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 79.652 كىلومېتىر، خامچوت سېلىنما ئومۇمىي سوممىسى 7مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن. پۈتۈن لىنىيە ئالتە ئاپتوموبىل قاتارلىشىپ ماڭالايدىغان، سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېتىرلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئۆلچىمى بويىچە ياسالغان، يول ئۇلىنىڭ كەڭلىكى 33.5 مېتىر كېلىدىكەن؛ ئۆتۈشمە لىنىيەلەر 1 - دەرىجىلىك يول ئۆلچىمى بويىچە ياسالغان، ئاپتوموبىللارنىڭ بۇ بۆلەكتىكى سائەتلىك سۈرئىتى 60 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن، يول ئۇلىنىڭ كەڭلىكى 23 مېتىر ئىكەن. بۇ لىنىيە تۇرپان - ئۈرۈمچى - تاقىرتاغ يۇقىرى دەرىجىلىك يولى تاتلىق بۇلاق سانائەت رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئىستېرېئو كۆۋرۈكتىن باشلىنىپ، قىبلەتاغ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدە ئاخىرلىشىپ، ئۈرۈمچى - كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىغا تۇتىشىدىكەن. بۇ لىنىيەدە شەھەر ئىچىدىكى ئون ئورۇندا ئۆتۈشمە ئىستېرېئو كۆۋرۈك سېلىنغان، بىر قىسىم شەھەر ئىچى يوللىرىغىمۇ تۇتىشىدىكەن. بۇ لىنىيەدە قاتناش باشلىنىشى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بىر سائەتلىك قاتناش چەمبىرىكى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر