خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- سېنتەبىر، چوڭ تىپتىكى ناخشا - ئۇسسۇللۇق تىياتىر « مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان تەڭرىتاغ » بېيجىڭ باۋلى تىياتىرخانىسىدا ئوينالدى. بۇ، «جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن ئون شەخس»نىڭ بىرى ھەنىپە ئالىماخۇننىڭ ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئالتە مىللەتتىن بولغان 19 بالىنى چىن مېھرى بىلەن بېقىپ چوڭ قىلغانلىقىدەك تەسىرلىك ئىش - ئىزلىرى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان تىياتىر بولۇپ، ناخشا - ئۇسسۇل، مۇزىكا ئارقىلىق، تاماشىبىنلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت ئىناق، مۇھەببەتنىڭ چېگراسى بولمىغان گۈزەل شىنجاڭنى نامايەن قىلىپ بەردى.
ناخشا - ئۇسسۇللۇق تىياتىر « مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان تەڭرىتاغ » 5- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكىدە شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كۆرەككە قاتناشتۇرغان نومۇرى سۈپىتىدە، بېيجىڭدا ئەڭ ئاخىرقى قىتىم ئوينالدى. مەزكۇر تىياتىر 2013 - يىلى 4 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا شىنجاڭ خەلق سارىيىدا تۇنجى مەيدان قويۇلغان ھەمدە مەملىكەتلىك 13 ـ نۆۋەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە « بەش بىر قۇرۇلۇشى » مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
5- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى 8- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ 14- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر تەييارلىغان « مۇقام تەسىراتلىرى »، « مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان تەڭرىتاغ » ۋە « باياۋاندىكى ياشلىق » قاتارلىق نومۇرلار ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ بېيجىڭدا ئوينالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى