- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كوناشكوۋ: ئامېرىكىنىڭ بىر رازۋېدكا ئايروپىلانى ئىككى قېتىم رۇسىيە چېگراسىغا كىرىشكە ئۇرۇندى
2016.09.09 15:10 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شۇ يەر ۋاقتى 7- سېنتەبىر رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوناشكوۋ: ئامېرىكىنىڭ بىر رازۋېدكا ئايروپىلانى 7-سېنتەبىر ئىككى قېتىم رۇسىيە چېگراسىغا يېقىنلاشماقچى بولدى دېدى.
كوناشكوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ رازۋېدكا ئايروپىلانى رۇسىيە چېگراسىغا يېقىنلاشماقچى بولغاندا، رۇسىيەنىڭ سۇ 27 ئۇرۇش ئايروپىلانى قىرىمدىكى بىرىبېك ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئۇچتى، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى يېقىنلاشقاندىن كېيىن ئامېرىكا ئايروپىلانى تۇيۇقسىز يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىپ، رۇسىيە چېگراسىدىن يىراقلاپ كەتتى.
كوناشكوۋ مۇنداق دېدى: رۇسىيە سۇ 27 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىسى مەشغۇلاتتا خەلقئارا ئۇچۇش نىزامىغا قاتتىق ئەمەل قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر