باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

15- نۆۋەتلىك مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسى رىئودى ژانىرودا باشلاندى

2016.09.09 15:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  15- نۆۋەتلىك يازلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسى 7-سېنتەبىر كەچتە بىرازىلىيەنىڭ رىئودى ژانىرو شەھىرىدىكى ماراكانا تەنتەربىيە مەيدانىدا باشلاندى. 18- سېنتەبىرگىچە پۈتۈن دۇنيادىكى 160 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 4432 تەنھەرىكەتچى رىئودى ژانىرو مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ 22 چوڭ تۈر، 528 كىچىك تۈرلىرى بويىچە مۇسابىقىلىشىدۇ.

  يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا، باخ 7-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن 2016-يىللىق رىئودى ژانىرو مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشمىغان. بۇ 1984-يىلىدىن بۇيان، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسىنىڭ تۇنجى قېتىم مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا مېيىپلار ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى كراۋېن ناھايىتى ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى خەلقئارا مېيىپلار ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى، باخنىڭ قاتناشماسلىقى ھەققىدە بەزىلەر خەلقئارا مېيىپلار ئولىمپىك كومىتېتى سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىدى دەپ قارىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر