باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ‹‹چوڭ دەرسخانا››لېكسىيەسى باشلاندى

نۇرلان ئابىلمەجىن مەخسۇس تېمىدا دوكلات بەردى

2016.09.09 15:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن 8 – سېنتەبىر ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ۋە كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە›› دېگەن تېمىدا مەخسۇس دوكلات بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ‹‹چوڭ دەرسخانا›› پائالىيىتىنى باشلىدى، پارتىيە مەكتىپىدىكى كۇرسانتلار ۋە نازارەت، ئىدارە – ئورگان كادىرلىرىدىن بولۇپ 700گە يېقىن كىشى دوكلاتنى ئاڭلىدى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى، خاراكتېرى ۋە ئاساسىي فۇنكسىيەسى، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن نۇقتىلىق لېكسىيە سۆزلىدى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى دۆلىتىمىزنىڭ دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشىدىكى چوڭ يارقىن نۇقتا بولدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان ئىجادىي تۆھپىسى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈم ئۈستىدە ئىزدىنىشى ئۈچۈن تەمىنلىگەن جۇڭگو لايىھەسىدۇر. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سوتسىيالىستىك كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تولۇق تونۇپ، كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرى ۋە ئۇنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز ۋە ئۇنى ئىگىلىشىمىز كېرەك.

  نۇرلان ئابىلمەجىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە دىققەتنى ‹‹بەشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يىللىق كېڭىشىش پىلانى تۈزۈمىنى ئورناتتى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىش شەكلىدە يېڭىلىق ياراتتى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈردى، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش پائالىيىتىنى تەشكىللەش ئۇسۇلىنى بېيىتتى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى، سىياسىي جەھەتتىن كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى مەدەنىيەتشۇناسلىق ئوقۇتۇش – تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى دىلدار تۇسۇپقان مۇنداق دېدى: بۇ ھەم نەزەرىيە يۈكسەكلىكى بار ھەم كونكرېت، ئەمەلىي بولغان مەخسۇس تېمىدىكى دوكلات بولدى، دوكلاتتا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تەرەققىيات تارىخى باشتىن – ئاخىر ئېنىق رەتلىنىپ، كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنىڭ مەزمۇنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى، بۇنىڭ تەتقىقات خىزمىتىمىزگە ئىنتايىن زور ياردىمى بار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر