باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى قائىدىگە خىلاپ قوشۇمچە ياردەم پۇل ۋە پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىشقا ئالاقىدار ئۈچ تىپىك مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2016.09.09 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا ئالاقىدار تارماقلار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، قائىدىگە خىلاپ قوشۇمچە ياردەم پۇل ۋە پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىشقا ئالاقىدار ئۈچ تىپىك مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  بۇ تىپىك ئۈچ مەسىلە تۆۋەندىكىچە: شىنجاڭ ئاشلىق، ياغ پەن تەتقىقات ئورنى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، پەن تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ياڭ شۆفېڭ قاتارلىقلارنىڭ قائىدىگە خىلاپ قوشۇمچە ياردەم پۇل ئېلىش مەسىلىسى. ياڭ شۆفېڭ ۋە پەن تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ شۆيەن، جاڭ لەييۈن خىزمەت ئورنىدىن ئىش ھەققى، مۇكاپات ئالغاندىن سىرت، ئۇزاق مۇددەت تەۋەلىكىدىكى ‹‹جىنگۇ›› لايىھەلەش يۇرتىدىن قائىدىگە خىلاپ ھالدا قوشۇمچە ياردەم پۇل ئالغان. 2016 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ئىدارىسى پارتكومى ياڭ شۆفېڭغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىپ، مەمۇرىي دەرىجىسىنى مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى دەرىجىسىگە چۈشۈرگەن؛ خۇ شۆيەن، جاڭ لەييۈنگە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەرگەن؛ ئۈچ كىشىنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتىنى قايتۇرۇۋالغان.

  كورلا كەچلىك گېزىتخانىسىنىڭ سابىق باشلىقى لى پېيفېڭ قاتارلىقلارنىڭ قائىدىگە خىلاپ بايراملىق پۇل تارقىتىش مەسىلىسى. 2014 – يىلى كورلا كەچلىك گېزىتخانىسى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، مەزكۇر گېزىت نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 21 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە تاۋۇز چاغىنى، قۇربان ھېيت، دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە قائىدىگە خىلاپ ھالدا بايراملىق پۇل تارقاتقان. 2016 – يىلى 8 – ئايدا شىنجاڭ گېزىتخانىسى پارتكومى مەزكۇر گېزىتخانىنىڭ باشلىقى لى پېيفېڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىپ، ئۇنى گېزىتخانا باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان؛ مەزكۇر گېزىتخانىنىڭ باش مۇھەررىرى، مۇئاۋىن گېزىتخانا باشلىقى جۇ شۈنشىنگە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەرگەن؛ مەزكۇر گېزىتخانىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى خۇ زېپىڭ، مۇئاۋىن گېزىتخانا باشلىقى لى لى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىر، قوشۇمچە ئىشخانا مۇدىرى جياڭ يۆتيەنگە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەرگەن.

  شىخۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىك سوتچى جاڭ جىۋېي ۋە بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىك سوتچى، مەمۇرىي سوت كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى مەلى مۇھەممەتنىڭ قائىدىگە خىلاپ كاماندىروپكا ياردەم پۇلى ئېلىش مەسىلىسى. 2015 – يىلى 4 – ئايدا جاڭ جىۋېي بىلەن مەلى مۇھەممەت جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ نەنچاڭ شەھىرى ۋە خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىگە ھۆكۈمەت ئىشىنى بېجىرىشكە ئەۋەتىلگەن. ھۆكۈمەت ئىشىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، جاڭ جىۋېي تېلېفون ئارقىلىق ئىدارە رەھبەرلىرىدىن رۇخسەت سوراپ، مەلى مۇھەممەت بىلەن شىئەن شەھىرىگە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى يوقلاشقا بارغان. ئەمما ئۇلار ئاۋۋال خاڭجۇغا خۇسۇسىي ئىش بىلەن رۇخسەتسىز بارغان، كېيىن ئايروپىلان بىلەن شىئەنگە كەلگەن ھەم خاڭجۇ، شىئەنگە بېرىپ خۇسۇسىي ئىش بېجىرگەن مەزگىلدىكى كاماندىروپكا ياردەم پۇلىنى ئىدارىگە ئاتچوت قىلدۇرۇۋالغان. 2016 – يىلى 6 – ئايدا شىخۇ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى جاڭ جىۋېي، مەلى مۇھەممەتكە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەرگەن.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش تەشكىلاتلىرى قوشۇمچە ياردەم پۇل، تۈرلۈك مۇكاپات پۇلىنى قائىدىگە خىلاپ تارقىتىش قاتارلىق ‹‹تۆت خاھىش››قا ئائىت مەسىلىلەرگە قاتتىق دىققەت قىلىپ، قاتتىق ئىنتىزام، پولاتتەك مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن مەسىلىلەرنى قەتئىيلىك بىلەن ھەل قىلىپ، بالدۇر، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇپ، ۋاقتىدا تەنقىد قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ھەقىقىي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: قۇربان ھېيت، تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمى يېقىنلىشىپ قالدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىستىل قۇرۇلۇشى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئىدارىسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىستىلىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئىستىلنى ياخشىلاشقا ئالاقىدار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ بېكىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئادا قىلىپ، ‹‹ھالقىلىق ئاز ساندىكىلەر››گە ياخشى كۆز – قۇلاق بولۇپ، قائىدىگە خىلاپ سوۋغات، پۇل قوبۇل قىلىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشىغا ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ – ئىچىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا مال سېتىۋېلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش قاتارلىق ئاسان، كۆپ يۈز بېرىدىغان مەسىلىلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، نازارەت قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ‹‹تۆت خاھىش›› ۋە يوشۇرۇن شەكىلدىكى ‹‹تۆت خاھىش››نى ئۇزاققىچە تۈزىشى ۋە تەرتىپكە سېلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر