باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، سابىق نازىر ئەزىز قېيۇم ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغاچقا، پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2016.09.13 12:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، سابىق نازىر ئەزىز قېيۇمنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە، ئەزىز قېيۇم تەشكىلىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئىشلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرىغا ئەينەن دوكلات قىلمىغان، خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ كادىرلارنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا ياردەم قىلىپ، قائىدىگە خىلاپ ھالدا باشقىلارنىڭ پۇل - مېلىنى ئالغان؛ پاكلىق ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، سوۋغات قوبۇل قىلغان، مەبلەغ توپلاپ سېلىنغان ئۆينى قائىدىگە خىلاپ ھالدا سېتىۋالغان؛ ئاممىۋى ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ئاممىدىن مەنپەئەت تالىشىپ، باشقىلارنىڭ نامىدا يەر ھۆددە ئېلىپ، قائىدىگە خىلاپ ھالدا پايدا ئالغان، ھۆكۈمەت پۇلىنى ئىگىلىۋېلىپ، دۆلەت ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن؛ خىزمەت ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، قائىدىگە خىلاپ ھالدا قۇرۇلۇش تۈرىنى ھۆددىگە بېرىش ۋە ھۆددىگە ئېلىش، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش، ئۆي - زېمىن كەسپىنى ئېچىش ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ئارىلاشقان ۋە قول تىققان، جامائەت مالىيە مەبلىغىنى تەقسىم قىلىش، تۈر تۇرغۇزۇپ باھالاشقا ئارىلاشقان ۋە قول تىققان؛ تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلار بىلەن ئۇزاق مۇددەت بىنورمال جىنسىي مۇناسىۋەتنى ساقلىغان؛ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن - نىزاملىرىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەتتىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، كارخانا باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، زور سوممىلىق پۇل ئۈندۈرۈۋالغان ۋە مال - مۈلۈك قوبۇل قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن.

  ئەزىز قېيۇم پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرى تۇرۇقلۇق غايە - ئېتىقادىنى يوقىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ يەنىلا ھوشىنى تاپماي، بۇ ئىشلاردىن قول ئۈزمىگەن، خاراكتېرى قەبىھ، قىلمىشى ئېغىر. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش ئارقىلىق، ئەزىز قېيۇمغا پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپ ئېرىشكەن بارلىق مال - مۈلكى قايتۇرۇۋېلىندى؛ ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى ۋە يىپ ئۇچى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر