باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى جۇڭگونىڭ مەيدانى ۋە تەشەببۇسىنى شەرھلىدى

2016.09.09 16:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ يەر ۋاقتى 7-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن لائوسنىڭ ۋىنتىياندىكى دۆلەتلىك يىغىن مەركىزىدە 19-قېتىملىق جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشقاندا، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى جۇڭگونىڭ مەيدانى ۋە تەشەببۇسىنى شەرھلىدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن نۆۋەتتە جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتى ئىجابىي يۆلىنىشكە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا. ئەمەلىيەت جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا قانۇن پىرىنسىپى بويىچە ھاسىل قىلغان "جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت خىتابنامىسى"نىڭ يۈرگۈزگىلى بولىدىغان ئۈنۈملۈك رايون قائىدىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۆتكەن 10 نەچچە يىلدا، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى بىرلىكتە قوغدىدى. خىتابنامىدە تۇرغۇزۇلغان بىۋاسىتە ئالاقىدار دۆلەتلەر سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ماجىرالارنى تىنچ ھەل قىلىش پىرىنسىپى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن "خىتابنامە" ئاساسىدا جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكەت ئۆلچىمى"نى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى كېڭەشمەكتە، بۇنىڭدىن مەقسەت-جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ماجىرالارنى ھەل قىلىشتىن بۇرۇن ئىختىلاپلارنى كونترول قىلىپ، زىددىيەتلەرنى پەسەيتىپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جەنۇبىي دېڭىز تىنچ بولسا، رايون دۆلەتلىرى ئەڭ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ. رايون دۆلەتلىرى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچىنى مەھكەم تۇتقاندىلا، جەنۇبىي دېڭىز ئاندىن تىنچ، مۇقىملىقنى ساقلىيالايدۇ. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، خىتابنامە روھى ۋە قوش رېلىسلىق تەپەككۇر بويىچە، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىزنى رايوندىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىق، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

  يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكەت ئۆلچىمىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتتى، يىغىندا "جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دېڭىزدىكى جىددىي ھالەتكە تاقابىل تۇرۇش دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى قىزىق لىنىيە سۇپىسى يېتەكچى فاڭجېنى"،" جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا "دېڭىزدىكى تاسادىپىي ئۇچرىشىش قائىدىسى"نى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى قارشى ئالدى، "جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر ھەرىكەت خىتابنامىسى"نى بىرلىكتە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق جەنۇبىي دېڭىز تالاش-تارتىشىنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئىختىلاپلارنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئومۇملىقىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر