باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«بىر بەلباغ، بىر يول» ئەلئارا مەدەنىيەت مەنبەلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلاندى

2016.09.13 12:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىپەك يولىدىكى ئورتاق مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قېزىش مەقسەت قىلىنغان «بىر بەلباغ، بىر يول» شىنجاڭدىكى ئەلئارا مەدەنىيەت مەنبەلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى يېقىندا باشلاندى.

  ئەلئارا مەدەنىيەت مەنبەلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتنىشىدىغان جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ يەتتە مۇتەخەسسىسى 1 - سېنتەبىردىن 8 - سېنتەبىرگىچە شىنجاڭدىكى ئەلئارا مەدەنىيەت مەنبەلىرى مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن يىپەك يولىدىكى ئورتاق مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قېزىش، تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە تۇتۇش قىلىپ، يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بولغان قەشقەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ چوڭ تەتقىقات تۈرى −− «نەسىردىن ئەپەندى» توغرىسىدا ماتېرىيال توپلاپ، كېلەر يىلى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان «نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى» توغرىسىدىكى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا تەييارلىق قىلدى. ئاقسۇ، كۇچاغا بېرىپ، «مىڭ ئۆي» قاتارلىق قەدىمىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرۈپ، يىپەك يولىدىكى ئورتاق مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قېزىپ، تەتقىق قىلىپ، بېيجىڭغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن «بىر بەلباغ، بىر يول» ئەلئارا مەدەنىيەت مەنبەرلىرى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە 1 - قول ماتېرىيال توپلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر