- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭغا 1000دىن كۆپرەك نۆۋەتچى ئايروپىلان سېلىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدۇ
2016.09.13 12:50 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىمچە، 5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى 1190 قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇپ، 200 مىڭدىن كۆپرەك ئورۇن بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىدىن كېلىپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان مېھمانلارنىڭ ئوڭۇشلۇق سەپەر قىلىشىغا ياردەم بېرىدىكەن.
ئىگىلىشىمچە، 8 - ئاينىڭ بېشىدا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى مەخسۇس تەييارلىق يىغىنى ئېچىپ، بېلەت سېتىۋېلىش، نۆۋەتچى ئايروپىلان، ھاۋا مۇلازىمىتى قاتارلىق ھالقىلاردىكى مۇلازىمەت تەدبىرىنى، كۆرگەزمىگە بېرىپ - كېلىدىغان يولۇچىلار ۋە كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرگە مۇلازىمەت قىلىشنى بېكىتكەن. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى بازار - سېتىش بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى لى جيۇچۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى يىغىن كۆرگەزمە مەركىزى، قىزىلتاغ مەركىزى بېلەت سېتىش ئورنى، T3 ئاۋىياتسىيە بېكىتى بىناسىدا كۆرگەزمىگە مۇلازىمەت قىلىش مەخسۇس پۇكەي تەسىس قىلىپ، كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى بىر بېكەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر