باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىيىنچىلىقى بار 380 مىڭ كىشى يېزا تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى

2016.09.13 12:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون بۇ يىل 1 - ئىيۇلدىن باشلاپ 380 مىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئوبيېكتى، چېگرا قوغدىغۇچىلار ئائىلىسىدىكىلەر ۋە 1 - سەپتىكى نامرات چېگرا ئاھالىسىنى يېزا تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى. نۆۋەتتە تۆۋەن كاپالەت ياردەم مەبلىغى جايلارغا چۈشۈرۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھازىرقى 2 مىليون 160 مىڭ تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسىدا، ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقان ياكى قىسمەن يوقاتقان يۆلەش ئوبيېكتلىرى ئىچىدىكى يېزا تۆۋەن كاپالەت شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان 255 مىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئوبيېكتىنى تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزدى. «چېگرا قوغدىغۇچىلار ۋە 1 - سەپتىكى نامرات چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ ئائىلە كىرىمى ھېساباتىنى ياخشى قىلىش چارىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، چېگرا قوغدىغۇچىلار ئائىلىسىدىكىلەر ۋە 1 - سەپتىكى نامرات چېگرا ئاھالىلىرىدىن كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى. 125 مىڭ چېگرا قوغدىغۇچىلار ئائىلىسىدىكىلەر ۋە 1 - سەپتىكى نامرات چېگرا ئاھالىسى يېزا تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر