باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنستىرلىقىنىڭ مەخسۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 36 مىڭ ئورۇن 2015-يىللىق تارماق خامچوتىنى ئاشكارىلىمىغان

2016.09.09 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى يەرلىكنىڭ خامچوت، ئاتچوت ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۇرۇش نەتىجىسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى: 2015-يىلى 31-ئۆكتەبىرگىچە، مەملىكەت بويىچە 36 مىڭ 638 ئورۇن 2015-يىللىق تارماق خامچوتىنى ئاشكارىلىمىغان بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى ٪14.48 كە يەتكەن، 56 مىڭ 481 ئورۇن 2014-يىللىق تارماق ئاتچوتىنى ئاشكارىلىمىغان بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى ٪22.27 كە يەتكەن. 2015-يىلىنىڭ ئاخىرى، مالىيە مىنستىرلىقى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا يەرلىكىنڭ 2015-يىللىق خامچوتى ۋە 2014-يىللىق ئاتچوتىنى ئاشكارىلاش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ 258 مىڭ خامچوت ئورنى بۇنىڭغا چېتىلىدىكەن. تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشچە، ئايرىم جايلارنىڭ خامچوت، ئاتچۇتنى ئاشكارىلاش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى يېتەرلىك بولمىغانلىقى، قىسمەن خامچوت ئورۇنلىرى تارماق خامچوت ۋە ئاتچوت دوكلاتىنى بەلگىلىمە بويىچە ئاشكارىلىماي، «خامچوت قانۇنى» قىزىل سىزىقىغا خىلاپلىق قىلغان.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر