باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لاتۋىيەنىڭ مالىيە مىنىستىرى شاھمات مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن خەلقئارالىق مالىيە مىنىستىرلار يىغىنىدىن ۋاز كەچتى

2016.09.09 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا شاھمات خانىشى خوۋ يىفەن خەلقئارا شاھمات ئولېمپىك كوللىكتىپ مۇسابىقىسىدە يېڭىلىپ قالدى، ئۇنىڭ رەقىبى لاتۋىيەنىڭ مالىيە مىنىستىرى دانا رېزنىس ئوزولا (Dana REIZNIECE-OZOLA) بولۇپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبە خوشاللىقىدا ئوزولا ھەتتا خەلقئارالىق يىغىنغىمۇ قاتناشمايدىغان بولدى. ئوزولا بۇ يىل 34 ياشتا بولۇپ، 18 يىل شاھمات ئوينىغان خەلقئارا شاھمات ئۇستىسى. ئۇنىڭ باياناتچىسى ئالېكس يالوزوكس 7- سېنتەبىر، خوۋ يىفەننى يېڭىۋېلىش ئۇنىڭغا زور ئىلھام بولغانلىقتىن، ئۇ 9- سېنتەبىر سلوۋاكىيەنىڭ پايتەختى براتىسلاۋادا ئېچىلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى مالىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشماي، داۋاملىق قېلىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى قارار قىلدى، دېدى.

  فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوزولا ئارام مەزگىلىدە لاتۋىيەگە ۋەكىل بولۇپ ئەزەربەيجاننىڭ باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 42- نۆۋەتلىك دۇنيا خەلقئارا شاھمات ئولېمپىك كوللېكتىپ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 5- سېنتەبىر ئۇ ئاياللار كوللېكتىپ مۇسابىقىسىنىڭ 4- ئايلانما مۇسابىقىسىدە كۈتۈلمىگەندە چېمپىيون دەرىجىلىك شاھمات ماھىرى خوۋ يىفەننى يېڭىۋالغان. ئوزولا قولى بىلەن ئاغزىنى ئېتىپ، ئۆزىنىڭ يېڭىۋالغىنىغا ئىشەنمىگەنلىكى سىنغا تارتىۋېلىنغان. ئۇ، «مەن ناھايىتى رازى، دۇنيا چېمپىيونىنى يېڭىۋالغانلىقىم ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە بۇ مۇسابىقىنىڭ قىممىتى سەۋەبلىك»، دېدى. ئۇ يەنە ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا يازما يوللاپ، ئۆزىنىڭ «ئېنېرگىيە توپلاۋاتقانلىق»ى ۋە نۆۋەتتىكى مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بۇ نۆۋەتلىك خەلقئارا شاھمات ئولېپىك مۇسابىقىسى بۇ ئاينىڭ 14- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر