باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، سابىق مۇئاۋىن مۇدىر زاڭ شياۋجۈن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغاچقا، پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2016.09.13 12:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، سابىق مۇئاۋىن مۇدىر زاڭ شياۋجۈننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە، زاڭ شياۋجۈن سىياسىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن؛ تەشكىلىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئىشلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرىغا ئەينەن دوكلات قىلمىغان؛ خىزمەت ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، قائىدىگە خىلاپ ھالدا قۇرۇلۇش تۈرىنى ھۆددىگە بېرىش ۋە ھۆددىگە ئېلىش، مەمۇرىي ئىجازەت تەستىقلاش ئىشلىرىغا ئارىلاشقان ۋە قول تىققان؛ ئاممىۋى ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، مەبلەغ توپلاپ سېلىنغان ئۆي (بىر تۇتاش سېلىنغان ئۆي)نى تەقسىم قىلىش جەھەتتە دۆلەت ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن؛ تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلار بىلەن ئۇزاق مۇددەت بىنورمال جىنسىي مۇناسىۋەتنى ساقلىغان؛ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن - نىزاملىرىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، كارخانا باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، زور سوممىلىق پۇل ئۈندۈرۈۋېلىپ ۋە قوبۇل قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەن.

  زاڭ شياۋجۈن پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرى تۇرۇقلۇق غايە - ئېتىقادىنى يوقىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ يەنىلا ھوشىنى تاپماي، بۇ ئىشلاردىن قول ئۈزمىگەن، خاراكتېرى قەبىھ، قىلمىشى ئېغىر. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش ئارقىلىق، زاڭ شياۋجۈنگە پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش، ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپ ھالدا ئېرىشكەن بارلىق مال - مۈلكى قايتۇرۇۋېلىندى؛ ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى ۋە يىپ ئۇچى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر